(2022- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى)
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەش ئۈچۈن تۆۋەندىكىچە قارار چىقىرىلدى.
بىرىنچى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20- قۇرۇلتىيى 10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي. قۇرۇلتايدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى، خۇلاسىلەندى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر بايان قىلىندى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ئېلىپ بېرىلدى، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. قۇرۇلتايدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» تېمىسىدىكى دوكلاتى تەستىقلاندى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى تەستىقلاندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى.
يولداش شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىدا، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بېكىتىلدى، دوكلات − پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)»دە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بېكىتىلگەن مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، مۇھىم، زور تەدبىرلەر نامايان قىلىندى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1- ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، تەجرىبىسى مول، ئەخلاقلىق ھەم ئىقتىدارلىق، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان بىر تۈركۈم يولداشلار مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا كىرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى، ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىككىنچى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە جەزمەن ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئۇقۇم دائىرىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەن، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپنى ئىگىلەش كېرەك.
1. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش. بۇ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى، ئۇنىڭدا پارتىيەمىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرىدىغانلىقى، قانداق يولدا ماڭىدىغانلىقى، قانداق روھىي ھالەتنى ساقلايدىغانلىقى، قانداق نىشانغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئېنىق جاكارلاندى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيەنىڭ جەزمەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يولدىن قايتماسلىق، ئىرادىدىن يانماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ غەلىبىلىك ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلاشتۇر. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش − پۈتۈن پارتىيەنىڭ جەزمەن ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، جاپالىق كۈرەش قىلىشتەك سىياسىي خىسلەت ۋە كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئىرادە ۋە پەزىلەتنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلاشتۇر. ئۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش − پۈتۈن پارتىيەنىڭ جەزمەن ئۆزىگە ئىشىنىپ كەسكىن بولىدىغان، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان روھىي قىياپەتنى ساقلاپ، ئىرادىنى، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغان خىزمەت پوزىتسىيەسىنى، مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە دەۋر خاراكتېرىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرىدىغانلىقى، قانۇنىيەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى، ئىجادچانلىقنى بېيىتىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلاشتۇر. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش − پۈتۈن پارتىيەنىڭ جەزمەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، بارلىق كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلاشتۇر. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش − بىزنىڭ جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىمىزنى تەنتەنىلىك جاكارلاشتۇر.
2. ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە كەينى- كەينىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن زور ئىش، مۇھىم ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان 10 يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ چوڭ ئىشنى باشتىن كەچۈردۇق: بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق، ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئۈچىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ ئېرىشكەن تارىخىي غەلىبە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان تارىخىي غەلىبە، شۇنداقلا دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان تارىخىي غەلىبە. 10 يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە، تەبىئەت دۇنياسى قاتارلىق تەرەپلەردىكى خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن. پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىگەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىگەنلىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. پۈتۈن پارتىيە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى شەرت.
3. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيەنى قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەمىز. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە ئەمەلىيەتنىڭ يېڭى تەلىپى بىزدىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور دەۋر تېمىلىرىغا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا چوڭقۇر جاۋاب بېرىشىمىزنى جىددىي تەلەپ قىلدى. پارتىيەمىز دادىللىق بىلەن نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يېپيېڭى نەزەر دائىرە ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە مەركەزلىك نامايان بولدى. بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»، «14تە چىڭ تۇرۇش»، «13 جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت»لەرگە يىغىنچاقلاندى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز شەرت. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرغاندىلا، دەۋر ۋە ئەمەلىيەت ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە توغرا جاۋاب بەرگىلى، ماركسىزمنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇنلۇقى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى باشتىن- ئاخىر ساقلىغىلى بولىدۇ. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ۋە دەۋرلەشتۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە يارىتىش − زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەنتەنىلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتى. ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، ئالدى بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللاردا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى تەتبىقلاپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، جاھاننى قەلبكە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش كېرەك.
4. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى − پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماكرولۇق نەزەر سېلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەر نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ بىر ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش، ئىستىقبالى پارلاق، ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش تەس بولغان ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلگە كىردى، تۈرلۈك «قارا قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان» ھادىسىلىرى ھەر ۋاقىت يۈزبېرىشى مۇمكىن. بىز كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ- خەتەرنى ئويلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، بوران- چاپقۇننىڭ ھەتتا دەھشەتلىك بوران- چاپقۇننىڭ ئېغىر، زور سىنىقىغا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز شەرت. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمە، قاتمال كونا يولدىمۇ، بايراق ئالماشتۇرىدىغان ئەگرى يولدىمۇ ماڭماي، دۆلەت ۋە مىللەتنى ئۆز كۈچىمىز ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبە قازىنىشىمىز شەرت. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن شۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش − جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىنىڭ مۇقەررەر يولى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش− يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش − پارتىيەنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشتىكى مۇقەررەر يول. بۇ، بىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا ئېرىشكەن ئىنتايىن مۇھىم قانۇنىيەتلىك تونۇش، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇنىڭدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھەيۋەتلىك پاراخوتىنىڭ ئۇزاققىچە دولقۇن يېرىپ پۇختا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك ۋە كاپالەتلىك قىلىشىمىز شەرت.
5. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئاساسىدا، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىككە، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى يىغىنچاقلاندى، يەنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − غايەت زور نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر- بىرىگە ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ئىلمىي يىغىنچاقلاندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىدە يېڭى ھالەت يارىتىش. بۇ يىغىنچاقلاش پارتىيەنىڭ دۆلىتىمىز ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، دۆلىتىمىزدىن ئىبارەت شەرقتىكى مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتتە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قانداق قىلىپ تېز ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ شەكىللەندۈرگەن ئىدىيەۋى نەزەرىيە جەۋھىرى، ئۇنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، سىستېمىلىق ئىگىلىشىمىز، بولۇپمۇ بۇ ماھىيەتلىك تەلەپنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
6. سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە ئىقتىساد مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە، مەدەنىيەتتىكى ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىش كېرەك. جەمئىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
7. مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىگىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىدا مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تىرىكى، قانۇنچىللىق كاپالىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى. مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى جەھەتتە، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى جەھەتتە، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
8. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى، دىپلوماتىيە خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى جەھەتتە، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن ـ تۈزۈم ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان، ئاۋمېننى سۆيىدىغان كۈچلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92- يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىپلوماتىيە خىزمىتى جەھەتتە، باشتىن- ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.
9. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلىشى شەرت. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق، بىز پارتىيە ئىچىدىكى نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، لېكىن پارتىيە دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتەرسىزلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق- چىرىكلىك خەۋپى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. پۈتۈن پارتىيە ئەستە چىڭ تۇتۇشى شەرتكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بوشىشىپ ئارام ئېلىۋېلىش، ھالسىراپ بىزار بولۇش كەيپىياتىدا بولساق ھەرگىز بولمايدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز شەرت. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا دائىر تۈزۈم- قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل توغرىلاش- ئىنتىزام چىڭىتىشنى قاتتىق رىتىم ئارقىلىق كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.
ئۈچىنچى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشتا ھەم ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق بولۇش، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. كۈچەش نۇقتىسىدا دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشى شەرت بولغان يېتەكچى ئىدىيە ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش؛ دىققەتنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش؛ دىققەتنى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللاردا ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى تەتبىقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈش؛ دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈش؛ دىققەتنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش؛ دىققەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئىشىنىدىغان رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش؛ دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق ھۆرمەتلەيدىغان، پارتىيەنىڭ داھىيسى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.
1. ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پات ئارىدا پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلىدىغان باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلەنگەن، كۆپ خىل شەكىللىك، قاتلاملار بويىچە تولۇق قاپلىغان بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭىدىن مەركىزىي كومىتېتقا كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالارغا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەتقىقات ـ مۇھاكىمە كۇرسى ئاچىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشنى نۇقتىلىق مەزمۇن قىلىپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، مەخسۇس تېما بېكىتىپ تەتقىقات- مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار تەربىيەلەش كۇرسى، ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىپ، بىر مەزگىل مەركەزلىك ھالدا مەملىكەت بويىچە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى مەركەزلىك نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىشى، پارتىيەلىك كادىرلارنى مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ سىستېمىلىق تەربىيەلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى كېرەك. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرىنىڭ تەلىم ـ تەربىيەسىدىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، ئۇنى مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيەسى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئالاقىدار ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيەلەش جەريانىدا، «پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتى كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى»، «پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيەسىدىن 100 سوئال» قاتارلىق كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.
2. لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھازىردىن باشلاپ كېلەر يىلىنىڭ بېشىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرىدۇ. ھەرقايسى رايونلار بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، تايانچ كۈچلەرنى ئاجرىتىپ لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلىشى كېرەك. رەھبەرلەر باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار تۇرۇشلۇق جايى، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەلەردە ئۆزى لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارغا يۈزلەنگەن لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىغا بولغان تونۇشىنى ۋە ئۇنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. لېكسىيەنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، يېقىنلىق كۈچى ۋە قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئېنىق سۆزلەپ، چۈشىنىشلىك سۆزلەپ، پۇقرالارنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
3. ئاخبارات تەشۋىقاتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە گېزىتلىرى، پارتىيە ژۇرناللىرى، رادىيو ئىستانسىلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، مەركەزلىك خەۋەر قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىغا بولغان قىزغىن ئىنكاسى ۋە ئىجابىي باھالىرىنى تەشۋىق قىلىشى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك. تۈرلۈك تەشۋىقات شەكلى ۋە ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، تەشۋىقات خەۋەرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش كېرەك. تور تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تور تارقىتىش سۇپىلىرىنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم بازا قىلىپ، ئوبيېكتلىشىش، پەرقلىق بولۇش، تۈجۈپىلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توردا مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ، يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، توردا زىيارەت قىلىپ سۆھبەتلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تور تەشۋىقاتىدا يېڭى قىياپەت، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، توردا كۈچلۈك ئىجابىي ئاممىۋى پىكىرنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تاشقى تەشۋىقاتنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي باھاسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى ئوبرازىنى جانلىق نامايان قىلىش كېرەك.
4. تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تەتقىقات تېمىلىرىنى بېكىتىپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، بىر تۈركۈم سالمىقى بار نەزەرىيەۋى ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىش كېرەك. يۈرۈشلۈك نەزەرىيە تەتقىقات- مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار نوپۇزلۇق سۆھبەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئالاقىدار ماقالىلەرنى يېزىپ، ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئارقا كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلىپ، مۇھىم نۇقتىلارنى ئېلىپ، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئاساسلىق گېزىت- ژۇرناللار نەزەرىيە مەخسۇس بېتى، مەخسۇس سانىدا ماس قەدەمدە ئالاقىدار مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، ھەرقايسى تاراتقۇلار ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ، چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئىجابىي يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. ئىدىيەۋى نەزەرىيە ساھەسىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مۈجمەل تونۇش ۋە خاتا قاراشلارغا قارىتا، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى نۇقتىلىق نەزەرىيەۋى ماقالە ۋە قىسقا ماقالە، قىسقا ئوبزور يېزىشقا تەشكىللەپ، ۋاقتىدا ئانالىز قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
تۆتىنچى، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش داۋامىدا نامايان قىلىش كېرەك.
1. «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيە رەھبەرلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
2. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، زىددىيەت، تالاش- تارتىشلارنى ئاساسىي قاتلامدا ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» توغرىسىدىكى ئېنىق تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداش كېرەك.
3. خەۋپ- خەتەر، خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولماقتا، بۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بىر قاتار يېڭى تېما، يېڭى خىرىسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ كۈرەش قىلىش جاسارىتىمىز، ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىمىز، تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەمىزنى بىۋاسىتە سىنىماقتا. دائىم غېمىدە بولۇش روھىي ھالىتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ساقلاپ، ئەڭ ناچار ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى باشتىن- ئاخىر ياخشى ئىشلەپ، ياۋۇزلاردىن قورقماي، ئالۋاستىلاردىن قورقماي، بېسىمدىن قورقماي، قىيىنچىلىققا قارىماي ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىش كېرەك. كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۈچەپ خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش، ئۆزگىرىش ياساشتا تەشەببۇسكار بولۇپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشتە تەشەببۇسكار بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىش كېرەك.
4. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قاتتىق، چىڭ بولۇشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن ـ ئاخىر چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك زىددىيەتلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەش پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ماركسىزملىق ئۆگىنىش تىپىدىكى سىياسىي پارتىيە قۇرۇش كېرەك. جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ تەنقىدى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش كېرەك. ئەمەلىيەت جەريانىدا چېنىقتۇرۇش، كەسپىي جەھەتتىن مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى مۇھىم، زور كۈرەش داۋامىدا چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈگىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.
بەشىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم قارالمىلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.
1. ھەقىقىي تۈردە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات، تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە زىچ ماسلىشىشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتى، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات تارماقلىرى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆز ئەزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاسلىققا ئىگە ئۆگىنىش تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش، ھەل قىلىش كېرەك.
2. توغرا يېتەكچىلىكنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، غەيرەتنى ئاشۇرۇش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، كۈچەپ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ تەشۋىقاتنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا قانات يايدۇرۇپ، يۆنىلىشنى دەل ئىگىلەپ، يېتەكچىلىكنى پۇختا ئىگىلەپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشتىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. قىزىق نۇقتىلىق سەزگۈر مەسىلىلەرگە قارىتا چۈشەندۈرۈش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ، ئېھتىياتچان، پۇختا بولۇپ، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىم باشقۇرسا شۇ مەسئۇل بولۇش ۋە تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تۈرلۈك تەشۋىقات، مەدەنىيەت بازىلىرىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خاتا ئىدىيە، سۆز ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەتكە يېقىن بولۇش، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقى ۋە قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك. شەكىل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇسۇل، ۋاسىتىنى بېيىتىپ، ئامما خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىدىغان، قاتنىشىش قولايلىق بولغان شەكىللەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، مول دەۋر خاسلىقىغا ئىگە، ئەمەلىيەت تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ھەم قائىدە ـ تەرتىپكە، سالماققا ئىگە قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈمنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى تېخنىكا، يېڭى قوللانمىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەمتۈرتكىلىك تارقىتىش، چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە تەسىر كۈچىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ئاكتىپ كۈچتىن زور ئېقىمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)