مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.
سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسىنى بېكىتىپ بەردى. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئېنىق سۆزلەپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشنى ئېنىق سۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئېنىق سۆزلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلىرىنى ئېنىق سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپنى ئېنىق سۆزلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، خەۋپ- خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش تەلىپىنى ئېنىق سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەپ، كىشىلەرنى پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىگەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىگەنلىكىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.
سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: لېكسىيە سۆزلەشكە قاتنىشىدىغان يولداشلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەينەن، تولۇق ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق، چوڭقۇر، جايىدا سۆزلىشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، رىتىمنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئاڭلاپ چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ۋە تاراتقۇلار تەشۋىقاتىنى ياخشى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە قاراتمىلىق جاۋاب بېرىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىدىغان، ئىزچىللاشتۇرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەركەز تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز تەشۋىقات ـ مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)