سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرەيلى
− پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
يېڭى دەۋرنىڭ يۆگىمە رەسىمى تولۇپ تاشقان غەيرەت- شىجائەتكە تولدى، يېڭى مۇساپىنىڭ سەھىپىسى ھەيۋەتلىك پۈتۈلمەكتە. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتۈن پارتىيە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشتا تەشەببۇسكار بولۇپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشتە تەشەببۇسكار بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى شەرت!»
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىشتىن ئىبارەت: 2020- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2035- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىز باي- قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماكرولۇق نەزەر سېلىنىپ، 2035- يىلىغىچە بولغان دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ باش نىشانى ۋە كەلگۈسى بەش يىللىق ئاساسلىق نىشان- ۋەزىپىلىرى بېكىتىلدى. كەلگۈسى بەش يىل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش قەدىمى باشلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، بۇ بەش يىللىق تەرەققىياتنى ياخشى قىلىش ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا قارىتا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش ۋەزىپە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش شەرت. مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك، پەن- تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش شەرت. خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ زۆرۈر مەزمۇنى، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب، قانۇنچىللىقنىڭ ئۇلنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولى بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشەنچى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەنىۋى كۈچنى كۈچەيتىش كېرەك. ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، جەزمەن خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. تەبىئەتنى ھۆرمەتلەش، تەبىئەتكە لايىقلىشىش، تەبىئەتنى قوغداش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت. دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى تېزدىن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش شەرت. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش شەرت. بىز پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقىمىز ۋە قەتئىيلىكىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولۇشى كېرەك. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان- ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە: «پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرما بولۇشى كېرەك، باش نىشان، ئومۇمىي يۆنىلىش، ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈرلۈك نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كونكرېت لايىھەسىنى قاراتمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى، قۇرۇلۇش خەرىتىسى تۈزۈپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەر يېقىن مەزگىللىك، ئوتتۇرا مەزگىللىك، شۇنىڭدەك ئۇزاق مەزگىللىك بولۇپ، ئىشنىڭ جىددىيلىك ۋە مۇھىملىق دەرىجىسىنى ئېنىق ئايرىپ، ھەم ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ ھەم ھازىرنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم يىراق كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاساس سالىدىغان، ئۇزاق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەتكە ھۆسن قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى، جەزمەن دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
«سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شاماللارغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت بىلەن قانات قېقىپ». يېڭى مۇساپە شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى چېلىندى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)