دۇنيا خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك يارىتايلى
09:19:13 2022-11-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 دۇنيا خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك يارىتايلى

 − پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلاش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا كۈچ چىقىرىش»، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر، ئېنىق كۆرسىتىپ، «جۇڭگو باشتىن- ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش يولىدا كۈچ چىقىرىدۇ» دەپ تەكىتلىدى ھەم مۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدى: «جۇڭگو خەلقى دۇنيا خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك يارىتىشنى خالايدۇ!»

 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەم جۇڭگو خەلقىنى بەخت- سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى ئۈچۈن، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بارلىق زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ھەرقانداق يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشىغا قىلچە تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇپ كەلدۇق؛ بىز دىپلوماتىيە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تورىنى پائال بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق؛ بىز مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى نامايان قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارانىڭ كەڭ دائىرىدە تەرىپلىشىگە ئېرىشتۇق. بۇ 10 يىلدا، دۆلىتىمىز دىپلوماتىيەسى دۇنياۋى چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۇنياۋى مالىمانچىلىق ۋەزىيىتىدە خەۋپ- خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇردى، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يارىتىش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان روشەن بايراققا ئايلاندى. دۆلىتىمىز دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى تۈپ سەۋەب باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدا، تۈپ سەۋەب شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا.

 ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە قانات يېيىۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخىي ئېقىمنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى ئىنسانىيەت ئىستىقبالىنىڭ ھامان پارلاق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش، نەيرەڭۋازلىق بىلەن تالان- تاراج قىلىش، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش قاتارلىق زوراۋانلىق، زومىگەرلىك، زورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ زىيىنى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئېشىپ كېتىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا خەلقئارا ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ: «دۇنيا يەنە بىر قېتىم تارىخىي تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالدى، نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تاللىشىغا باغلىق» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. قانداق قىلىپ دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىپ، توغرا تارىخىي تاللاش قارارىنى چىقىرىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.

 داغدام يولدا ماڭغاندىلا، جاھان خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جاھاننى قەلبكە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە دۇنياۋى نەزەر بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ئېقىمى، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش چوڭ ئەندىزىسى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات چوڭ تارىخىي نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلدى، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمىچىلىك قىلماي، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش بىلەن شۇغۇللانماي، ئادىللىقنى ياقلاش، ھەققانىيلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇردى، ئىنسانىيەت تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇردى؛ جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، ئۆزىنىڭ مەيدان ۋە سىياسىتىنى باشتىن- ئاخىر ئىشنىڭ ھەق- ناھەق، توغرا- خاتالىقىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدايدۇ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ. جۇڭگو تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، باراۋەر بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت يەرشارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولىمىز.» ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەم ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنيادىكى بارلىق ئىلغار كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، باشقىلارغا تايانماي، باشقىلارنى تالان- تاراج قىلماي، مەڭگۈ زومىگەر بولمىساقلا، چوقۇم ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە تارىخ چاقىنىڭ پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايمىز.

 ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش − دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پەقەت بىرلىكتە جاھاندىكى داغدام يولدا ماڭغاندىلا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ. جۇڭگو يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولىدىغان دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق گۈللەنگەن دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەتلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىپ يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىشىشتىن، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشتىن ئەلا بىلىپ، تۈرلۈك دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنى سەمىمىي مۇراجىئەت قىلىمىز».

 بىز خىرىسقا تولغان دەۋردە، شۇنداقلا ئۈمىدكە تولغان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، قەتئىي بوشاشماي، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى «نوھ كېمىسى»گە بىرلىكتە ئولتۇرساقلا، چوقۇم ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك يارىتالايمىز.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125