پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلايلى
10:18:08 2022-11-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلايلى

 − پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.» باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتۈن پارتىيە ئەستە چىڭ تۇتۇشى شەرتكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بوشىشىپ ئارام ئېلىۋېلىش، ھالسىراپ بىزار بولۇش كەيپىياتىدا بولساق ھەرگىز بولمايدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز شەرت».

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىدىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت بولۇپ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «نەچچە مىڭ كىشى رەنجىتىلسە مەيلىكى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن بۇرچ، مەسئۇلىيەت بىلەن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئاتتى. «10 يىلدا بىر خەنجەر تاۋلاندى»، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تارىخىي، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىر ھاسىل قىلىندى، كۆپ يىللاردىن بۇيان چەكلەپ بولالمىغان بەزى ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتلار چەكلەندى، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن جاھىل كېسەللىكلەر تۈگىتىلدى، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ تۈگىتىلدى، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىشتا كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇش ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگەرتىلدى، پارتىيە ئىچىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى. پارتىيەمىز بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، تىنچلىق- قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش- خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى جاۋابىنى تېپىپ چىقتى، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يۈكسەك ئىتتىپاقلىقى، بىردەكلىكىنى، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خەلقنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، پارتىيە سىرتقى جەھەتتە خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا تايىنىپ، ئىچكى جەھەتتە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا تايىنىپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، دادىللىق بىلەن پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە گۈللەپ ياشنىشى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىگەن پارتىيەنىڭ ئاساسى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ؛ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان، يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىۋاتقان پارتىيەلا ھەممىدە غالىب كېلىدۇ. باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا يېتىلدۈرگەن روشەن خىسلىتى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. 100 يىللىق بوران- چاپقۇن، 100 يىللىق شىددەتلىك دولقۇندا پولاتتەك تاۋلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارنى بىر- بىرلەپ يېڭىپ، ئارقا- ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى ئاچقۇچ باشتىن- ئاخىر پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل- كېسىل ئىنقىلاب قىلغانلىقىدا. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشى، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشى، جەزمەن چوڭ پارتىيەگىلا خاس بولغان قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلىشى شەرت.» 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق، بىز پارتىيە ئىچىدىكى نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، لېكىن پارتىيە دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق» ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، «تۆت خىل خەۋپ» ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشتا، ئاچقۇچلۇقى يەنىلا پارتىيەمىز ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا: «يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك» دەپ جاكارلىدى. «يېڭى مۇساپىدىكى يېڭى خىرىس، يېڭى سىناقلار ئالدىدا، بىز جەزمەن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىشتىكى سەگەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى توختىماي ئالغا سىلجىتىپ، 100 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنى باشتىن- ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ كۈچلۈك تايانچىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

«تۆمۈر سوقۇشتا بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك». جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشنىڭ مۇقەررەر يولى. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا دائىر تۈزۈم- قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق ئاساسىي رىتىم ئارقىلىق، ئىستىل توغرىلاش- ئىنتىزام چىڭىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان سالىدىغان بارلىق زىيانلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز تازىلايدىغانلا بولساق، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىنى ئۈزلۈكسىز تازىلايدىغانلا بولساق، بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن- ئاخىر رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

100 يىللىق بوران- چاپقۇن، پولاتتەك تاۋلىنىش، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارى روشەن كۈچەيدى، ھازىر جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قاراپ توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىۋاتىدۇ. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتەيلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125