ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قەلب ساداسى | جاڭ شياۋسۇڭ: قەلبنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز
23:27:49 2022-11-07 تىيانشان تورى

 پارتىيە 20-  قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ، كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ يېقىن، ھارارەتلىك، كەنت ئاھالىلىرى قوبۇل قىلالايدىغان، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان تىلدا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى سىيۈەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى جاڭ شياۋسۇڭ لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى. جاڭ شياۋسۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- يېزا ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.» دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نىشانى تېخىمۇ ئېنىق بولدى، ئىشەنچى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125