يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى
− پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«پارتىيەمىز ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق 100 يىللىق ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، يەنە چوقۇم يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.» پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، قۇرۇلتاي پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن 10 يىلدا، ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىم سىزىپ چىقىلدى. 10 يىلدىن بۇيان، مىسلىسىز خەۋپ- خەتەر، خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بوران- چاپقۇنلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇ 10 يىلدا، بىز ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قازىنىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي يوسۇندا ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن ئىبارەت مىڭ يىللىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ 114 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن سالمىقى %18.5كە يېتىپ، 7.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ تارىخىي ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش- ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشىلىدۇق؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆپكۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ ياپيېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈپسۈزۈك قىلدۇق... پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى!» يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پارتىيەگە، جۇڭگو خەلقىگە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21- ئەسىردىكى جۇڭگودىكى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۇرغۇتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا. 100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا بولغان ئەڭ ياخشى ھۆرمەت يېڭى كۈرەش تارىخىنى پۈتۈش. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىپ يەتتۇقكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئاسانلا، داقا- دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، جەزمەن دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك ئارقىلىق بېكىتىلگەن نىشاننى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە ۋاز كەچمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى. ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش − پارتىيەمىزنىڭ ئېتىقاد- ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەشتىكى تۈپ ئاساسىدۇر. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت شۇنى چوڭقۇر ئىپادىلەپ بېرىدۇكى، دەل يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنى تىكلەنگەچكە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى تىكلەنگەچكە، پارتىيەمىز پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى، تىنچ- ئامانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچلۈك ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە ئېلىپ كىرىشكە تۈپتىن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل، بارلىق جاپا- مۇشەققەت، خەۋپ- خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاپ، ئىشەنچىمىز ۋە كۈرەش ئىرادىمىزنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە كۈچى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوزغىتىپ، نەزەرىيەدىكى تەشەببۇسكارلىق ئارقىلىق تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بىزنى كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن پەزىلىتى. پارتىيەمىز كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ تارىخ ياراتتى، تېخىمۇ مۇھىمى كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز دۇچ كېلىدىغان خەۋپ- خەتەر، سىناقلار بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىشى مۇمكىن، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. بىز دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك كۈرەش قىسقا مۇددەتلىك بولماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك، بۇ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەمراھ بولىدۇ. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى- سىرتى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىمىزنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، ئىرادىمىز، شىجائىتىمىز، ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ياۋۇزلاردىن قورقماي، ئالۋاستىلاردىن قورقماي، بېسىمدىن قورقماي، قىيىنچىلىققا قارىماي ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەتلىك بولۇپ، دادىل ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. چوڭ يۈزلىنىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىش قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىمىزنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشىمىز كېرەك.
يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بىزنى باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھەقىقەت يولى ئاددىي، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش كېرەك. ھەقىقىي تۇتقاندىلا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش. دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن ئۇلۇغ؛ دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن تېخىمۇ شەرەپلىك. يېڭى مۇساپىدە، بىز بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىدىغان» كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن قاچماي، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەت ئالدىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەۋپ- خەتەر ئالدىدا پائال تاقابىل تۇرۇپ، زېھنىي كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا مەزمۇت تۇرۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئادا قىلىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ۋە خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسى قارشى ئالىدىغان ئىش بولسىلا، ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ ئاخىرغىچە قىلىشىمىز كېرەك.
ھازىر، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، يۈكسەك جاسارەت بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتىمىز. يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. بىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، كۈرمىڭلىغان تاغ- دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك. يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى بىلەن پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساق، بىز چوقۇم يېڭى دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.
ئۇلۇغۋار پىلان كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇرغا كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. بىز يېڭى كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنايلى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)