ۋەكىل ئورۇزئالى قاشقارباي:​ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز
10:20:36 2022-11-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

«يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز!» ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى، ۋەكىل ئورۇزئالى قاشقارباي قۇرۇلتايغا قاتناشقان مەزگىلدىكى تەسىراتى ۋە ھېس قىلغانلىرى بويىچە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كىرىش نۇقتىسى، بىرىكىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل پىلانلىدى.

«مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىغا قەدەم قويغان مەزگىلدە، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنچىللىققا بولغان ئارزۇسى ۋە تەلىپىنىڭ يۇقىرىلىقى مىسلىسىز بولدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىققا بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە پىلانلىشىنىڭ مۇھىملىقى مىسلىسىز بولدى.» ئورۇزئالى قاشقارباي مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتەك كاپالەتلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانۇنچىللىق يولىدا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

قاتار- قاتار كەسىپلەر باغچىسى چۆل- جەزىرىدە گۈللەندى، ساندۇق- ساندۇق خاس مەھسۇلاتلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا «ئۇچتى»، ھەممىلا جايدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى... قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولدى.

پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېڭى مۇساپىگە مەردانە قەدەم قويدۇق، ئورۇزئالى قاشقارباي مۇنداق قارىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>نى چۆرىدەپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ رايون ئورنى، بايلىق، سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق، جانلىق پايدىلىنىپ، ئۈچ چوڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە <يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى پىششىقلاش، يېڭى كەسىپ ھالىتى>دىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» ئورۇزئالى قاشقارباي مۇنداق بىلدۈردى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىش كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات. ئورۇزئالى قاشقارباي مۇنداق بىلدۈردى: قىزىلسۇ ئوبلاستى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئامما خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق قوزغاپ، تەرەققىيات پىكىر يولى ئاممىدىن كېلىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئاممىغا قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى پۇختا تەشكىللەيدۇ، ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ. 

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىز <خەلق نەمۇنىچىسى> بۇرماقان مولدو، مەملىكەتلىك <ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى> ۋۇ دېڭيۈن، <پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن تاغا> ئابدۇجاپپار مېڭدى قاتارلىق ئىلغار تىپلارنى ئۈلگە قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرىمىز.» ئورۇزئالى قاشقارباي مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «تۇرمۇشتا جاپا- مۇشەققەتكە چىداش»، ھۆكۈمەت «ئىقتىسادچىل بولۇش»، ئامما «ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ خىزمەتلىرىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125