روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىش قىلىش غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتىمىز
09:30:32 2022-11-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

2400دىن ئارتۇق كىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى

 روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىش قىلىش غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتىمىز

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) «بۇ قېتىمقى مەركەزلىك تەربىيەلەش ئىنتايىن مۇھىم، ئىنتايىن ۋاقتىدا بولدى، بىزنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.» «دەرسلىكلەر شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ تەسىس قىلىنغان، قاراتمىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، نىشانىمىزنى تېخىمۇ ئېنىق قىلدى، يۆنىلىشىمىزنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.»... 11- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 2400دىن ئارتۇق كىشى توردا تەربىيەلەشكە قاتناشتى، كۆپچىلىك ھەربىر سائەتلىك دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزدى، پائال مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى، چوڭقۇر ئىلھام ئالدى، ھەسسىلەپ روھلاندى.

 بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو خەلق داشۆسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەقسەت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. تەربىيەلەش دەرسلىكى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش، نۇقتىلىق خىزمەت، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇمىي جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق 19 مەخسۇس تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساسلىقى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، مەركىزىي كومېتىت سوتسىيالىزم شۆيۈەنى ۋە بېيجىڭ داشۆ، جۇڭگو خەلق داشۆسىدىن كەلگەن داڭلىق مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلاردىن ئىبارەت.

 تەربىيەلەشتە تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل قوللىنىلىپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، توردا ھەمتۈرتكە بولۇش، ئاساسىي تېمىلىق مۇھاكىمە قىلىش، يىراق مۇساپىلىك يېتەكچىلىك قىلىش، مۇتەخەسسىسلەر سوئاللارغا جاۋاب بېرىش، توردا سىناش قاتارلىق ھالقىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىش ئورنىدىكى، خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر كۇرسانتلار بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ دەرسلەرنى قايتا قويۇپ كۆرۈپ، ئۆگىنىش، خىزمەتتە «ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك»نى ئىشقا ئاشۇرسا بولىدۇ.

 بۇ بىرنەچچە كۈنلۈك تەربىيەلەش ئارقىلىق، كۇرسانتلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنىڭ «ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش»تىكى رولى ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، «نېمە كەمچىل بولسا شۇنى تولۇقلاش، نېمە ئىش قىلسا شۇنى ئۆگىنىش» پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، گەرچە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بولسىمۇ، لېكىن نىشانى دەل جايىدا، باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، تەھلىل قىلىش ئەتراپلىق، ئورۇنلاشتۇرۇش زىچ بولدى، تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق، چوڭقۇر، جايىدا سۆزلىدى، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەينەن، تولۇق ئىگىلەش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقىمۇ ناھايىتى پايدىسى بولدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

 بۇ قېتىمقى كۇرس 11- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125