ما شىڭرۇي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى پۇختا، كۈچلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 11- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كەم- كوتسىز ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى پۇختا، كۈچلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش ۋە قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ كۆلەملىك قايتا كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. «ئومۇمىي تاكتىكا» «باش فاڭجېن»دا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ تەلىپى ۋە 9- نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش لايىھەسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىرىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈزبەرگەن ناھىيە، شەھەرلەر ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دېگەن روھ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان ھەرىكەت ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تاسقاپ تەكشۈرۈش، خەۋپ- خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنى يۆتكەپ ئايرىش، نۇقتىلىق ئورۇنلار ۋە كىشىلەر توپىنى قاتتىق باشقۇرۇش- تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار كىرىش- چىقىش يولى، ئاچقۇچلۇق ئورۇنلار، يۆتكەلگەن كىشىلەر قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىنى ساقلاپ، بايلىق، كۈچ، ئورۇن قاتارلىقلارنى تەييارلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇم يۈزبەرگەن ھامان تېز، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ قورشاپ يوقىتىپ، تارقىلىش، يامراشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى پۇختا چىڭىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك؛ خەۋپ- خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش كېرەك؛ سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئىدېئولوگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈگىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان- ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پاختا يىغىش، سېتىش، كۈزگى بۇغداي تېرىش، ئەسلىھەلىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوبوروت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، ياخشى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؛ دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، 1- ، 2- ، 3- كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، مۇھىم ئامىللار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، ئۇل ئەسلىھە، ئېتىز- ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، دىققەتنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلەپ، چوڭقۇر ئىشلەپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ۋاڭ مىڭشەن، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)