دۆلەتنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلاپ كۈچ قوشىمىز
− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ زىيالىيلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى
جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ زىيالىيلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن بىرىنچى بولۇشقا تىرىشىدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن دۆلەتنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا كۈچ قوشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.
ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ توپلايمىز
«پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە <ئالتىدە چىڭ تۇرۇش>قا يىغىنچاقلىنىپ، ئۆزئارا باغلىنىشلىق، ئىچكى جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پەلسەپە ئوقۇتۇش- تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت لى پېيفېڭ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى تەتبىقلاپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك، جەزمەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا كەم- كوتسىز بولۇش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز دادىللىق بىلەن نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتە يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىدىيەۋى- سىياسىي نەزەرىيە مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىدىيەۋى- سىياسىي نەزەرىيە دەرسخانىسىغا كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزمنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيەسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتىمەن.
قاراقاش ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەكبەر ئەخمەت مۇنداق بىلدۈردى: قاراقاش ناھىيەسىدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى يېتەكلەپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ تولۇق غەيرەت بىلەن مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، كۈچلۈك تارقاتقۇچىلىرى، سادىق ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يەنە يېڭى تۆھپە قوشىمەن.
پەن تەتقىقاتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى «يەشكۈچى» بولۇشقا تىرىشىمىز
مەۋقە يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىغا قويۇلدى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كەڭ پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىگە زور ئىلھام بەردى، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقاتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى «يەشكۈچى» بولۇشقا تىرىشىمىز.
ليۇ بىن يېڭىلا دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات پونكىتىدىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىختىساسلىق خادىملارنى كىرگۈزۈش بويىچە تەكلىپ قىلىنغان ئىختىساسلىق خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوغۇن تەتقىقات مەركىزىگە كىردى. ئۇ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، كۈچنى توپلاپ ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش»قا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. «ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىنى سوراپ ئالغىلى بولمايدۇ، سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ئۆتۈنۈپ ئالغىلى بولمايدۇ.» ليۇ بىن مۇنداق دېدى: مەن كوللېكتىپنى يېتەكلەپ مولېكۇلالىق سورت يېتىشتۈرۈش ۋە گېننى گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ قايتا تەشكىللەش تېخنىكىسى ئارقىلىق شىنجاڭ قوغۇنىنىڭ سورتىنى دەل جايىدا يېتىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ قوغۇنىنى ياخشى تېرىپ، تەمىنى ياخشى قىلىپلا قالماي، يەنە سىرتقا يۈزلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە قوغۇننىڭ شېرىن تەمىنى تېتىتىمەن.
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتى يېتىلدۈرۈپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېسىل ئىلىم ئىستىلى يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن- تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى يەن ئەن مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز بىرىنچى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا، قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ؛ ئۇل تەتقىقات، ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي قوللىنىدىغان تەتقىقات جەريانىدا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دادىل ئىزدىنىپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەيدۇ.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ چىرا دۆلەتلىك چۆل- ئوتلاق ئېكوسىستېمىسىنى ئىلمىي كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش دالا پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى زېڭ فەنجياڭ مۇنداق دېدى: تەتقىقات پونكىتىمىز ئىزچىل قۇم- بوران زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى مۇھىم تەتقىقات مەزمۇنى قىلىپ كەلدى، كەلگۈسىدە ئىلمىي تەتقىقات − پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتى − پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى تەرەققىياتقا باغلاشتىن ئىبارەت خىزمەت ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەتقىقات سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پەن- تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيمىز.
شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بولۇپ، نۆۋەتتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن كۆپلەپ قۇرغان. شىركەتنىڭ تەتقىقات باش نازارەتچىسى، دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات خىزمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ما شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ دورىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە كۆپلىگەن مۇھىم، زور پەن- تېخنىكا مەخسۇس تۈرىنى ئۈستىگە ئېلىش پۇرسىتىگە تايىنىپ، كۆپ مەنبەلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىشنى ماسلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى ۋە مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك پەن تەتقىقات بايلىقلىرىنى كىرگۈزۈپ، يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەم سۇپا قۇرۇلۇشىدا بۆسۈشنى تاماملاپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شىنجاڭنىڭ خاس دورا يېمەكلىكلىرى بايلىقىدىن پايدىلىنىش يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى دۆلەت دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرچىنى زىممىمىزگە ئالىمىز
زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرى تالانتىنى نامايان قىلىدىغان بىپايان سەھنىگە، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە. يېڭى مۇساپىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ياش ئوقۇغۇچىلار جان تىكىپ ئېلىشىش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشقا ئىرادە باغلىدى.
بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 1- كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابابەكرى ئابلىز ئىزچىل ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى مەنپىي بېسىملىق قاتتىق كۆپمە يوپۇقلۇق تەجرىبىخانىسىدا پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، گەرچە ھەر كۈنلۈك خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈرەش ئىرادىسى باشتىن- ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ بولدى. «باش شۇجى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بىزنى يېڭى دەۋرنىڭ غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان، چىدامچان، كۈرەشچان ياخشى ياشلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاشقا ئىلھاملاندۇردى، مەن دەل مۇشۇ نىشانغا قاراپ تىرىشىۋاتىمەن!» ئابابەكرى مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىش، بىر تېببىي خىزمەتچى خادىمدا بولۇشقا تېگىشلىك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، مەن دەۋرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ياشلىق باھارىمنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش قىزغىن ئەمەلىيىتىدە پورەكلەپ ئېچىلغان چىرايلىق گۈلگە ئايلاندۇرىمەن.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى قۇرۇپ، پارتىيە دەرسى شەكلىدە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بەرگەن لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە كارانتىن سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يې يەنلىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ياشلارغا قارىتىلغان سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە- ئېتىقادنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ماھارىتىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۆگىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈپ، تىرىشىپ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارىمنى، ئەقىل- پاراسىتىمنى بېغىشلايمەن.
قەشقەر داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىلنار ئەركىن مۇنداق دېدى: قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دەۋر قەدىمىگە زىچ ئەگىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەسپىي ئۆگىنىش داۋامىدا شەخسىي ماھارىتىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ياشلىق باھار ئاساسىي رېڭىنى جۇلالاندۇرۇپ، ساۋاقداشلار بىلەن ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە ئىرادە باغلاپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان ياش ماركسىزمچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىمەن.
(مۇخبىر جاۋ شىيا، قاتناشقان مۇخبىرلار شيې خۇيبيەن، گاۋ ۋا، شېن زۇشياۋ، جاۋ يۆ، ئىختىيارىي مۇخبىر لۈ خەيشياڭ)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)