نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي) 11- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋەدۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسىنى بېكىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «بەش مۇقەررەر يول»دا ياخشى مېڭىپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا رىشتە باغلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ۋە «ئۇيۇشتۇرۇش» سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، روشەن سىياسىي پوزىتسىيە ۋە كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەسلىي تېكىستنى ئوقۇش، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى چوڭقۇر، پۇختا قىلىپ، ئاخبارات تەشۋىقاتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىشقا، كاللىغا ۋە قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى نۇقتىلىق كېڭىشىش قارالمىلىرىنى ئالدىن پىلانلاپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش ۋە ئەزالارنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈم- مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداپ، كېلەر يىللىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاپ، خىزمەت يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.
لېكسىيە سۆزلەش، دوكلات بېرىش يىغىنى سىن يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ۋە سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئەزالار ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)