ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئورگىنى:​ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق ھەرقايسى ساقچى تۈرلىرى خىزمىتىگە تۈرتكە بولدى
10:45:33 2022-11-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئورگىنىدىكى ھەرقايسى ساقچى تۈرلىرى تارماقلىرى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھەرقايسى ساقچى تۈرلىرى خىزمىتىگە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قانۇنچىلىق باش ئەترىتى خەلق ساقچىلىرىنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىشكە قەرەللىك تەشكىللەپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قانۇنچىلىق تارماقلىرىدىن قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى، باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى نىشان قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى زەھەر چەكلەش تارماقلىرىدىن پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، بولۇپمۇ قانۇنچىللىق خىزمىتى، زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار يېڭى تەلەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ پىلانلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان زەھەر چەكلەش پولات قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقىش تەلەپ قىلىندى. قانۇن ئىجراسىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زەھەر چەكلەشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئالتە تولۇق بولۇش»تىن ئىبارەت زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا باش ئەترىتى مۇنداق تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماقلىرى مەۋقەنى تىنچ- ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا قويۇپ، قارا، رەزىل جىنايەتلەرگە سىجىل زەربە بېرىپ، قاتىللىق دېلوسى، سەككىز تۈرلۈك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى قاتارلىق ئېغىر، زور دېلولارنى قاتتىق زەربە بېرىپ تېز رازۋېدكا قىلىپ، تېز پاش قىلىپ، تېلېگراف- تور ئالدامچىلىقى، چېگرا ھالقىغان قىمار ئويناش، ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق كۆپ يۈزبېرىدىغان ئېغىر، زور مال- مۈلۈككە دەخلى- تەرۇز قىلىش جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، جىنسىي پاراكەندىچىلىك، ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈشىگە ئالاقىدار ئالدامچىلىق، ئىجتىمائىي كاپالەت سوممىسىنى ھىيلە ئىشلىتىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئاجىز توپلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى سىجىل ساقلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باش ئەترىتى ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى بويىچە سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا يادرولۇق تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ۋەزىپە كاپالىتى مۇلازىمەت باشقارمىسى ھەر كۈنى سائەت 21دە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش بويىچە «پارتىيە ئەزالىرى كەچلىك كۇرسى» ئېچىپ، ئۆگىنىش، سۆزلەش، باھالاش شەكلى ئارقىلىق، خەلق ساقچىلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125