قابا ناھىيەسى: ​10 يىللىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بەخت ئاساسىي رېڭىنى ياراتتى
10:49:29 2022-11-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جىن بىڭ

قابا ناھىيەسى بۇرچىن − قابا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى يېشىل يولنىڭ قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلىش رايونىدا، يېڭىدىن تولۇقلاپ كۆچۈرۈلگەن شەمشاد، جىغان، ئاق قىيىن قاتارلىق كۆچەتلەر بىر- بىرى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، كۆچمە قۇمنى مەھكەم تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقانىدى. ئىلگىرىكى قۇم- بوران ئېغىزىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كېلىپ، تىزگىنلەش رايونى ئاستا- ئاستا ئېكولوگىيە ئورمىنى رايونىغا ئايلاندى.

«بۇرچىن- قابا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى يېشىل يولنىڭ رېشاتكىلىرى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرتىلدى، بۇلتۇر ئورمان بىنا قىلىش بويىچە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كۆلەم 5389 مو بولۇپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئويناش بىلەن بىللە، يەنە مۇھىتنى گۈزەللەشتۈردى» دېدى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى قابا ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى خې لۇخۇا. 

«پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا <يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش> ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى <سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق> دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر ئېكولوگىيەسى ياخشى ناھىيە بەرپا قىلىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېرتىش دەرياسى ئېقىن رايونىدا تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، ئاقچى سۇلۇق يېرىگە ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش، چارۋا بېقىشنى چەكلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى قاتارلىقلارنى يېڭىدىن قۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى پۇختا ئاساس سالدى» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئىدارىسى قابا ناھىيەلىك شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈەن چىڭچېڭ.

يېقىندا، ئالتاي تېغى دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قابا شۆبە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا تارتىلغان سىن ماتېرىياللىرىنى رەتلىگەندە، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر فوتو ئاپپاراتنىڭ قارا تۇرنىنىڭ قىممەتلىك سىن ۋە سۈرەتلىرىنى تارتىۋالغانلىقىنى بايقىدى.

«ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورايتىلىشىغا ئەگىشىپ، قابا ناھىيەسىدە ياۋايى ھايۋاناتلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋاناتلاردىن قارا بۇلغۇن، بۆرە بورسۇق، يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قارا تۇرنا قاتارلىقلارنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى» دېدى ئالتاي تېغى دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قابا شۆبە ئىدارىسى ئورمان قوغداش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئېلشات ئىسلامقالى. 

10 يىلدىن بۇيان، قابا ناھىيەسى تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئوتلاقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دەريا- كۆل ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش كۆزلىنىپ، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ياخشى بولغان ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش كەيپىياتى يارىتىلدى.

«بۇ 10 يىلدا، كەنتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. ئىلگىرى <ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستبېشىمىزنى توپا - چاڭ بېسىپ كېتەتتى، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى ئايىغىمىز لايغا مىلىنىپ كېتەتتى>، ھازىر ھەممە ئائىلىلەردە ئادەم بىلەن چارۋىنى ئايرىۋېتىش يولغا قويۇلۇپ، چارۋىلارنى قوتاندا ئىلمىي بېقىش تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ھەممە ئائىلىلەردە <كىچىك باغ> بولۇش ئارقىلىق ھويلا- ئاران ئىگىلىكى راۋاجلاندۇرۇلدى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە رەھمەت، ھازىر كەنت ئاھالىلىرى ھەممىمىز خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەپ، تۇرمۇشىمىز باياشاتچىلىققا تولدى» دېدى قابا ناھىيەسى كۆلباي يېزىسى قارا بۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەن گويۈەن. 

پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەرەققىيات ئۇسۇلىنى يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېشىل تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش − يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى. كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك. «بۇ، قابا ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.» يۈەن چىڭچېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، قابا ناھىيەسى كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىت تۈزەش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125