ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر ليۇ يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈم ۋە يەرنى تېجەپ ئىشلىتىشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتقان. ھازىرغا قەدەر، 4 مىليون 958 مىڭ 900 مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونىمىزغا چۈشۈرگەن 5 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇش يىللىق ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان، قالغان قۇرۇلۇش يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىكەن.
يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز دېگىنىمىز، ئېتىزلار تەكشى، مەركەزلىك تۇتاشقان، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، سۇ تېجەش ئۈنۈمى يۇقىرى، يېزا ئېلېكتىرى يۈرۈشلەشكەن، تۇپرىقى مۇنبەت، ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارەت شەكلىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق بولغان، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز قىلىپ ئايرىلغان، ئالاھىدە قوغدىلىدىغان تېرىلغۇ يەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈش، كۆپ مەنبەلىك سېلىنمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش، تۈر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش ۋە تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلەتتى.
يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن يېزا ئىگىلىكى- يېزا تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يەرنىڭ كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىنكى بىكار تۇرۇش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى تېزلەتتى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە، شۇ جاي چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنى 100 مىڭ مولۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەپ، ئوق ئېرىق، سۇغىرىش ئېرىقى، چۈشۈرگە، تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق مول ھوسۇلغا ياخشى ئاساس سالدى. «يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز سۇ، ئوغۇت، دورا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە شارائىت يارىتىپ بەردى، بۇ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆلەملىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى رۇستەم ياسىن.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل يوللار بىلەن مەبلەغ توپلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىپ قوللىغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ مو بېشى سېلىنمىسى 1500يۈەندىن ئېشىپ، دۆلەتنىڭ باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش مالىيە مو بېشى سېلىنما ئۆلچىمىگە يېتىپ، يەرنى تۈزلەش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك يادرولۇق قۇرۇلۇش مەزمۇنىنىڭ تولۇق قاپلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، پۈتكەندىن كېيىنكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلى %5، كۆممىقوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى %20، پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلى %10 ئۆستۈرۈلۈپ، تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشۇرۇلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2021- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون(يەرلىك) بويىچە 31 مىليون 260 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنغان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)