«غەربىي چېگرادىكى 1- كەنت»نىڭ يەنە يېڭى نىشانى بار بولدى
10:11:00 2022-11-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«غەربىي چېگرادىكى 1- كەنت»نىڭ يەنە يېڭى نىشانى بار بولدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

 «چارۋىچىلار ئارامگاھىمىزنى بۇ يىل ئاچتۇق، تىجارەت باشلاپ ئۈچ ئاي بولمايلا، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق، چارۋا باققاندىن كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىكەن» دېدى 11- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىغىن يېزىسى سىمخانا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇسا پۇرخان. شۇ كۈنى، مۇسانىڭ ئۆيىدە ئۈچ- تۆت كەنت ئاھالىسى چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، نىشانى ئۈستىدە توختالدى، تەرەققىيات توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

 سىمخانا كەنتى جۇڭگو- قىرغىزىستان چېگراسىغا جايلاشقان، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېگرا بويىدىكى كەنت، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى كۈن پېتىشنى ئەڭ ئاخىرىدا كۆرگىلى بولىدىغان كەنت بولۇپ، «غەربىي چېگرادىكى 1- كەنت» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ھازىر دەل قىشتىكى بوش مەزگىل، ئىلگىرىكى يىللاردا بۇ ۋاقىتتا كەنت ناھايىتى جىمجىت بولۇپ، قوي- كالىلار قوتانغا سولىنىپ بولاتتى، چارۋىچىلارنىڭ ئەڭ كۆپ پاراڭلىشىدىغىنى كېلەر يىلى قايسى چارۋىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ چارۋا بېقىش ئىدى. لېكىن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇ مەزگىلدە كەنت ناھايىتى قىزىپ كېتىدىغان بولدى، كەنت ئاھالىلىرى دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ «كوللېكتىپ كېڭىشىش يىغىنى» ئېچىپ، كېلەر يىلى كىرىمنى قانداق ئاشۇرۇش توغرىسىدا چارە- تەدبىر كۆرسىتىدىغان بولدى.

 بۇ بىرنەچچە يىلدا، مۇسا ئائىلىسى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتى، ھەر يىلى 6- ئايدىن 9- ئايغىچە نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ. ساياھەتچىلەر سىمخانا كەنتىدە ۋەتىنىمىزدە كۈن ئولتۇرغاندىكى ئەڭ ئاخىرقى كەچكى شەپەق نۇرىنى كۆرۈپ، قىرغىزچە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، غەربىي قۇتۇپ مۇنارىغا چىقىپ، «غەربىي چېگرادىكى 1- كەنت»نىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىدۇ.

 مۇسانىڭ بۇنچە كۆپ پۇل تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ چارۋىچىلار ئارامگاھىدا ئىشلىمەكچى بولدى، بەزىلەر ئۇنىڭ چارۋىچىلار ئارامگاھىنى كۆكتات ۋە گۆش بىلەن تەمىنلىمەكچى بولدى، يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېتىنى چارۋىچىلار ئارامگاھىغا ئاپىرىپ، ساياھەتچىلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ مىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئويى بارلىقىنى بىلدۈردى.

 «مېنىڭچە بۇ چارىلەرنىڭ ھەممىسى بولىدىكەن، ۋاقتى كەلگەندە سىلەر بىرنەچچە ئائىلىنىڭ ئېتىنى ئېلىپ كېلىپ، ئات ئەترىتى تەشكىللىسەڭلار بولىدۇ، پۇلنى كۆپچىلىك بىللە تاپساق بولىدۇ ئەمەسمۇ» دېدى مۇسا.

كەنت ئاھالىلىرى «كوللېكتىپ كېڭىشىش يىغىنى» ئېچىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىمۇ تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزدى.

 «بۇ يىل، كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 14 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يېتىشى مۇمكىن. كېلەر يىلى بىز يەنە داۋاملىق تىرىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى 16 مىڭ يۈەنگە، كەنت كوللېكتىپ كىرىمىنى 400 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز» دېدى سىمخانا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رېن جۈنجيې تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

 «نۆۋەتتە، كەنتتە جەمئىي سەككىز چارۋىچىلار ئارامگاھى، 11 ئائىلىۋى مېھمانخانا بار، ھازىرقى تىجارەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا يىللىق كىرىمىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. كېلەر يىلى بىز تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ساياھەتچىلىككە قاتنىشىشقا داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەميېنىنى تېخىمۇ تومپايتىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى سىمخانا كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پولات جەمشىت.

 «توغرا، بىز <غەربىي چېگرادىكى 1- كەنت> دېگەن ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز، ئىسراپ قىلىۋەتسەك بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق جەھەتتە يەنە نەسىلنى ياخشىلىشىمىز كېرەك، ئىككى پۇت بىلەن ماڭغاندىلا ئاندىن مەزمۇت ماڭغىلى بولىدۇ» دېدى رېن جۈنجيې ئۇلاپلا.

 كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كېلەر يىللىق يىرىك پىلان پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چارۋىچىلىق جەھەتتە، چىڭخەي قوتىزىدىن ئوننى كىرگۈزىدۇ، يەنە 20 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ 60 سىمېنتال كالىسىنىڭ نەسلىنى ياخشىلايدۇ. ساياھەتچىلىك جەھەتتە، «غەربىي چېگرادىكى 1- كەنت»نىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كايىندۇ تەبىئىي ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىپ، بىر ئورۇندا ناخشا ئېيتىش چوڭ سەھنىسى، ئۈچ ئورۇندا سۈنئىي كىچىك شارقىراتما، ئۈچ ئورۇندا سۈنئىي كىچىك كۆل، بىر ئورۇندا سۇ چاقپىلىكى قاتارلىقلارنى ياسايدۇ. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئائىلىۋى مېھمانخانا بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى بەرپا قىلىشنى قوللاپ، يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئائىلىۋى مېھمانخانىدىن بەشنى ئاچىدۇ، يەنە ئوتلاق دالىدا قونۇش ئورنى، مەززىلىك تائاملار مەيدانى ۋە جەزمەن بېرىشقا تېگىشلىك جاي − «غەربىي چېگرادىكى 1- كەنت» بەرپا قىلىدۇ.

 رېن جۈنجيې مۇنداق دېدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا- كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، سىمخانا كەنتى «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»نى جۇلالاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بېيىش يولىدا تېخىمۇ مەزمۇت مېڭىپ، تېخىمۇ يىراققا مېڭىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق- گۈزەل يېزا- كەنت بەرپا قىلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125