ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى: گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەپتىش كۈچىنى قوشىمىز
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى كەڭ تەپتىش خادىملىرىنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا پائال تەشكىللىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشىمىز.
«پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مەخسۇس باب ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تەكىتلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، ھۆسن قوشىدۇ.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداشنى چۆرىدەپ مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشنى چۆرىدەپ مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى چۆرىدەپ مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نەتىجىسى نامايان قىلىنىدۇ.
«پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ، تەپتىش ئورگانلىرىغا بولغان ئىشىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى كۈتىدىغان ئۈمىد.» لى يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى تەپتىش ئىشلىرى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە توغرا كەلدى، يېڭى مۇساپىدە تەپتىش خىزمىتى تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى ئورگىنى بولۇشتەك ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، «تۆت چوڭ تەپتىش خىزمىتى» فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، ماس، تولۇق ئادا قىلىپ، دادىل نازارەت قىلىپ، نازارەت قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى تىرىشىپ قوغداپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي، ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋالىرىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن زەنجىرلىك نازارەت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «تۆت چوڭ تەپتىش خىزمىتى» «ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىر دېلودا خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
«پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكىتلەندى.» لى يۇڭجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش، يېمەكلىك- دورا بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۈلكىنى قوغداش، دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قاتارلىق قانۇندا بېكىتىلگەن ساھەلەرنى چۆرىدەپ، دېلولارنى پائال بېجىرىپ، دادىل نازارەت قىلىپ، مەيلى دېلو بېجىرىش كۆلىمى ياكى دېلو بېجىرىش سۈپىتى جەھەتتە بولسۇن، ھەممىسىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋالىرىدا ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى قوغداش مەخسۇس تۈر خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ساھەلەرنى پائال، پۇختا كېڭەيتىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ «مەن ئىگە بولىمەن» ئارقىلىق، ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش تارماقلىرىنىڭ «ھەممىسى ئىگە بولۇش»ىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)