ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى لېكسىيە سۆزلەشنى باشلىدى
11:00:52 2022-11-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا) 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى ئىدىيەۋى- سىياسىي نەزەرىيە ئاممىۋى تاللاپ ئۆگىنىش دەرسلىكلىرى «كىلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق ياشلىق باھارنى نۇرلاندۇرۇش دەرسخانىسى» سۇپىسىغا تايىنىپ، تۇنجى مەيدان سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جەنرېن تۇنجى مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 40تىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتىكى 5300دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى توردا قاتناشتى.

ۋاڭ جەنرېن پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسلىق نەتىجىلىرى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش نىشان- ۋەزىپىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، چىقىرىلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلىدى. لېكسىيەدە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي ئەسلىي تېكىستنى ئوقۇش، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، تولۇق ئىگىلەش، ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

بۇ مەيدان لېكسىيەنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، تىلى جانلىق بولۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە توغرا ئىگىلىشىدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ داشۆ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ چى مۇنداق دېدى: «لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. يېڭى دەۋردىكى داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇرچ زىممەمدە، كۈرەشتە مەن بار دېگەن روھ بىلەن، ئۆگىنىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولىمەن».

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى تەشكىللىگەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 21 ئالىي مەكتەپنىڭ 34 ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئىدىيەۋى- سىياسىي نەزەرىيە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى، ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت تايانچلىرى ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 11- ئاينىڭ ئاخىرىدىن كېلەر يىلىنىڭ بېشىغىچە سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125