ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خەن لىڭ
«بىز پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز» دېدى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى ئالتاي شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئېربول ئۆنەرقان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى مول قار- مۇز ساياھەت بايلىقى ۋە ئۆزگىچە رايون مۇھىتى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قار- مۇز كەسپىگە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، قار- مۇز كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىرغىچە، ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاينى خاتىرىلەش كۈنى پائالىيىتىنى 16 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى ھەم 17- نۆۋەتلىك پائالىيەتنى شىنجاڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قار تېيىلىش بايرىمىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئالتاي شەھىرىنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىدى.
«بىز قار- مۇز بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش، قار- مۇز مەدەنىيىتىنى قېزىش ئارقىلىق، قار- مۇز كەسپى، قار- مۇز ساياھىتى، قار- مۇز تۈرلىرىنىڭ كۆپ نۇقتىدىن تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، <جۇڭگو قار يۇرتى> ئالتاينى قىشلىق ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ساياھەتچىلىكتىن نەپ ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلقنى بېيىتىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمىز. بىز كېيىنكى قىشلىق ئولىمپىك دەۋرىدىكى قار- مۇز ساياھىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قار- مۇز يىپەك يولى بەلبېغى ۋە جۇڭگو قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن دۇنياۋى ساياھەت مەنزىلگاھى، دۇنيا دەرىجىلىك قار- مۇز ساياھىتى ۋە قار- مۇز تەنھەرىكىتى مەنزىلگاھىنى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قار- مۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى ئېربول.
نۆۋەتتە، ئالتاي شەھىرى قېيىن ئورمانلىقى باغچە مەنزىرە رايونى، قىران دەرياسى دەريا بويى مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت دۆلەت 4A دەرىجىلىك ئىككى مەنزىرە رايونى ۋە گېباۋ خۇڭما خۇاخەي مەنزىرە رايونى، 500 چاقىرىملىق ئۆرپ- ئادەت كوچىسى مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت دۆلەت 3A دەرىجىلىك يەتتە مەنزىرە رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇردى، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئارامگاھى، مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، 2020- يىللىق جۇڭگو قىشلىق ئىستىراھەت بويىچە 100 ياخشى ناھىيە، شەھەر، ئاپتونوم رايون بويىچە ساياھەت- ئىستىراھەت رايونى بولۇپ باھالاندى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئالتاي شەھىرى مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ساياھەت +»نى ئالغا سىلجىتىپ، ئەتراپتىكى يېزا- بازارلار يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، خاندىغات قار- مۇز بازىرى، لاستى يېزىسى ساغلاملىق- كۈتۈنۈش بازىرى، ئالاقاق ئۇيقۇنى ياخشىلاش بازىرى، چېمىرچېك مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ ھەم گېباۋ خۇڭما ئېكولوگىيەلىك ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش، ساياھەت قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىران دەرياسى جىلغىسى ئورمان ساغلاملىق- كۈتۈنۈش بازىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت ئورمان ساغلاملىق- كۈتۈنۈش بازىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى، ئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش ئىستىراھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ.
«بىز شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى سىجىل بېيىتىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى، كۇرسلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئېربول.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)