شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە پۇل مۇئامىلە كۈچىنى قوشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ
«بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.» شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش باشلىقى جېڭ يۈفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: 70 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى يېزا پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلدى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى پارتىيە كومىتېتى يىغىنى، پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەم كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى ئۆتكۈزۈش، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى تېزدىن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق كادىرلار، خىزمەتچىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى بەرپا قىلدى.
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلەندى. جېڭ يۈفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مۇھىم بايان يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى يېزا پۇل مۇئامىلىسىدىكى ئاساسىي قوشۇن ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاساسلىق مەسئۇل بانكا بولۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نى قوللىشىدىكى يېڭى يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىدۇ؛ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رايونلارغا جايلىشىش يىرىك پىلانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
شىنجاڭ ئىلى يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىملىرى كەسىپ بېجىرمەكتە. سۈن ۋۇجيەن فوتوسى
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار جەمئىي 137 مىليارد 101 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 229 مىليارد 602 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 25 مىليارد 337 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %12.40 بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، دېھقان ئائىلىلىرىگە بېرىلگەن قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 110 مىليارد 740 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14 مىليارد 798 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %15.42 بولدى؛ ئالدىنقى ئون ئايدا، جەمئىي 106 مىڭ 900 ئائىلىگە 3 مىليارد 747 مىليون يۈەن نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تارقاتتى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 296 مىڭ 700 ئائىلىگە بېرىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ساقلانما مىقدارى 10 مىليارد 215 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1 مىليارد 133 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %12.48 بولدى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليارد 538 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %17.73 بولدى، ئائىلە سانى ۋە سوممىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايوندىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇشۇ تۈردىكى قەرز پۇل ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %70.85ى ۋە %77.19ىنى ئىگىلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنىڭ ئومۇمىي تارقىتىلىش سوممىسى، قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى، ئېشىش مىقدارى ھەمدە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسى ئاپتونوم رايون بويىچە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىچىدە بىردەك ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
جېڭ يۈفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «14- بەش يىل»دا، شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى جەمئىي 600 مىليارد يۈەن قەرز پۇل تارقىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشكە تىرىشىدۇ، دېھقان ئائىلىلىرىگە بېرىلىدىغان قەرز پۇلدىن جەمئىي 460 مىليارد يۈەن تارقىتىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئېھتىياجىنى تولۇق قاپلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ «ھۆكۈمەت ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش + بانكا بىلەن ھۆكۈمەت ئورتاق باشقۇرۇش» ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئۇچۇرى ماس كەلمەسلىك قىيىن مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېزا رايونلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلغان قەرز پۇلغا ئېرىشىش نىسبىتى ۋە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ. «14- بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا دېھقان ئائىلىلىرى، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇر ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش، دەرىجە باھالاش، ئىناۋەت بېرىش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش، ئۈنۈملۈك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلۇش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
«پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتى بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» جېڭ يۈفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى «ئۈچتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش» يەنى «شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلىرى، نۇقتىلىق تۈرلىرىنى قوللاش سالمىقىدا بانكىلار ئارا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش، كۆلەمنى ئاشۇرۇش، پايدا تۆھپىسىدە شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق دۆلەت كارخانىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىچكى باشقۇرۇش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە رايون پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى شىنجاڭدا گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)