شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى: خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز
10:47:26 2022-11-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى: خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

 «پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، شىنجاڭدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا قانداق قاتنىشىشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى.» 11- ئاينىڭ 23- كۈنى شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گېڭ باۋجيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئەلا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدايمەن.

 پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى سىستېمىلىق ئۆگەنگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئادۋوكاتلار بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشىمىز.

 گېڭ باۋجيەن مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپى ساھە تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي پۇرسىتىگە توغرا كەلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇنچىل تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا، شىنجاڭنىڭ قانۇن مۇلازىمىتى بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك سىياسەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشتى.

2022- يىلى 9- ئايدا، 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى قانۇن مۇلازىمەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى گېڭ باۋجيەن (سولدىن 1- كىشى)، شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ ۋېيدۇڭ (ئوڭدىن 1- كىشى) كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارغا قانۇندىن مەسلىھەت بەرمەكتە. سۈرەتنى شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى تەمىنلىگەن

 شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى پۈتۈن مەملىكەت ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، «14- بەش يىل»دىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەلا سۈپەتلىك قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2021- يىلى 12- ئايدا، شىنجاڭ داديەن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گۈلشەن ئابلىمىت (ئوتتۇرىدا) بىلەن بېيجىڭ يىڭكې (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گو چۈجياڭ (ئوڭدا) بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۆيىدە توردا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن فوتوسى

 «بىز خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى رازى قىلىشنى ئۆلچەم قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ياخشى ئادۋوكاتلاردىن بولىمىز.» گېڭ باۋجيەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى كەڭ ئادۋوكاتلار خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇن ياردىمى، مەھەللىلەردە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، قانۇن مۇلازىمىتى جەريانىدا، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنچىللىق جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

 گېڭ باۋجيەن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئادۋوكاتلار خىزمىتىگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، كەڭ ئادۋوكاتلار جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125