ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جەسۇرانە ھالدا بىرىنچى بولۇشقا تىرىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تەبىئىي بايلىق يېڭى تۆھپىسىنى قوشىمىز.
«بىز تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، تەبىئەتكە ماسلىشىدىغان، تەبىئەتنى قوغدايدىغان يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشى ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يەر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق تەبىئىي بايلىق مۇھىم ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى باش تۇتقا قىلىپ، غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەبىئىي بايلىق خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر تاڭئاتار كېرىماخۇن.
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.
«بىز يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ھەر تەرەپلىمە قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <سان، سۈپەت، ئېكولوگىيە> ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ساقلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى نازارەت قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى جياڭ.
سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار- مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
«بىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېرتىش دەرياسى، تارىم دەرياسى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق مۇھىم ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيە رايونلىرىدا تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە نۇقتىلىق تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ ئاسمىنىنىڭ تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنىڭ تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك بولۇشىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۈن جيەنشىن.
قېزىلما بايلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى، كانچىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا رايون رىقابەت كۈچىنىڭ ئاساسى. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى پىلانلىق، قەدەم- باسقۇچلۇق يولغا قويۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«بىز توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم- تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت كۈچىنى شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىشقا پائال قاتنىشىشقا قوزغاپ، بايلىقنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، چەكلىك بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەككە يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى كانچىلىق ھوقۇقى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ جۈن.