ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى قاپلىغان توردا تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى.
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر گاۋ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، كەسىپ كۆلىمى، مۈلۈك مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، مۇھىت قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە تەسىر كۈچى، كونترول قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، مۇھىت قوغداش كەسپىدىن ئىبارەت «قوش ئاساسىي كەسىپ» ئەندىزىسىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈر بايلىقىغا ئېرىشىش ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئۈچ پەسىلدىن بۇيان، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» تەلىپى بويىچە، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، 320 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر كاپالەت خاراكتېرلىك تورلاشتۇرۇلغان تۈرىنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن قەرەلىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى، 1 مىليون 250 مىڭ كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلاندى.
قۇرۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ تىجارەت كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %67 ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئەڭ چوڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش كارخانىسى ۋە خەتەرلىك، كېرەكسىز بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلىش كارخانىسىغا ئايلاندى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سالاھىيىتى ئەڭ تولۇق بولغان مۇھىت باھالاش بويىچە A دەرىجىلىك ئاپپاراتقا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى مۇھىت قوغداش تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە مۇھىت باھالاش ساھەسىدە باشلامچى ئورۇندا تۇردى ھەم شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت ئىلكىدىكى كاربون مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14- بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۇنجى دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنى يېتىلدۈردى.
گاۋ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، گۇرۇھىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، پۈتۈن يىللىق تىجارەت نىشانىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ئوخشاش سۈپەتلىك مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەش، بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپلەرنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ماسلىشىش ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى زورايتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇشقا تىرىشىمىز.