ۋاڭ ۋېي: ئېنېرگىيە تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز
10:25:21 2022-11-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ياپىڭ

 «جۇڭگو نېفىتچىلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ماڭا ئېنېرگىيە قاچىسىنى مەھكەم تۇتۇشتا مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىر، زور، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.» 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، تۇرپان- قومۇل نېفىتلىكى پىچان نېفىت ئېلىش- باشقۇرۇش رايونىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ ۋېي خاتىرىسىگە ئەنە شۇنداق يازدى.

 بۇ يىل، يېڭى رايوننى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش كۆزلىمىگە يەتمەسلىك، تەننەرخنى زور دەرىجىدە ئازايتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ۋاڭ ۋېي كوللېكتىپنى يېتەكلەپ ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈشكە «جىددىي ھۇجۇم قىلىش»، قۇرۇلۇشنى «جىددىي ئالغا سىلجىتىش»، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «جىددىي تۇتۇش»، نېفىت- تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنى «جىددىي يىغىش» تەدبىرلىرى ئارقىلىق، يېڭى رايوننى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، كونا رايوندا ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشقۇرۇش ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پىچان نېفىت ئېلىش- باشقۇرۇش رايونىنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى بويىچە يىللىق پىلاننىڭ %89.9ى ئورۇندالدى.

 ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پىچان نېفىت ئېلىش- باشقۇرۇش رايونىنىڭ زاپاسنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. سۈپەت، ئۈنۈم نىشانىنى چۆرىدەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ ۋە زىياننى تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، زاپاسنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، كونا رايوننى تۈزەش، زىياننى تۈگىتىپ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈنۈم يارىتىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە شان- شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. ۋاڭ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرپان- قومۇل نېفىتلىكىنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتىنى يەنە 3 مىليون توننا يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125