ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسى | يۈەن شەيسۈن: ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىشتىن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمەن
17:48:50 2022-11-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جەزىرە نىسېپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر چيەن فېڭ) 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن شەيسۈن كېسەللىك خاتىرىسى قوللانمىسىغا قاراپ، دوختۇرخانىدىن چىققان نۇقتىلىق بىمارلارغا بىر- بىرلەپ تېلېفون بېرىپ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى. «يېقىندا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەنلەپ كەتتى، يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىدا ئاسانلا قان بېسىمى تۇراقسىزلىقى كۆرۈلۈپ، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش يۈز بېرىدۇ، مەن ئاغرىقلارغا تېلېفون بېرىپ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتىم ۋە ۋاقتىدا كېسەل تارىخىنى سوراپ دىياگنوز قويدۇم.» دېدى يۈەن شەيسۈن. 

يۈەن شەيسۈن خالىس كېسەل كۆرمەكتە. چيەن فېڭ فوتوسى

 يۈەن شەيسۈن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى. يۈەن شەيسۈن 2021- يىلى 7- ئايدا چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلگەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ داۋالاش شارائىتى چەكلىك بولغانلىقتىن، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسىلى كۆرۈلگەندىن كېيىنكى داۋالاشنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋاقتى ئىچىدە تېز، ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى.

 «مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش ئاغرىقلىرىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋاقتى ئىچىدە داۋالىغاندا، داۋالاش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كېسەللىك ئاسارىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. مەندە سەكتە مەركىزى قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى.» دېدى يۈەن شەيسۈن. 

 بۇ ئوي جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. سەكتە مەركىزى قۇرۇش پىلانى شۇ جاينىڭ يىللىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

 بۇ يىل 6- ئايدا، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ «سەكتە مەركىزى» جۇڭگو سەكتە مەركىزى ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى، ئىلى ئوبلاستىدا سەكتە مەركىزى بار ناھىيە دەرىجىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن يەنە بىرسى كۆپەيدى.

 بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، يۈەن شەيسۈن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى 80دىن ئارتۇق سەكتە ئاغرىقىنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى تاماملىدى. يۈەن شەيسۈننىڭ ئېسىگە ئەڭ چوڭقۇر ئورناپ قالغىنى 8- ئاينىڭ 2- كۈنىدىكى بىر مەيدان قۇتقۇزۇپ داۋالاش ئىدى. شۇ كۈنى سائەت 10دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئايشىن سىرى بازىرىدىكى 75 ياشلىق ئاھالە ئارزىگۈلنىڭ سول تەرەپ پۇت- قولى ماغدۇرسىزلىنىپ، تىلى كالۋالىشىپ بىر سائەتتىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلدى.

 شۇ چاغدا، يۈەن شەيسۈن نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىدى. ئۇ دەرھال بىمارغا دىياگنوز قويۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە تىقىلمىسى دەپ بېكىتتى. سائەت 11دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە يۈەن شەيسۈن ئاغرىقنى قان نوكچىسىنى ئېرىتىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇشقا باشلىدى، سائەت 11دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە ئاغرىقنىڭ سول پۇت- قولىنىڭ مۇسكۇل كۈچى ئەسلىگە كېلىپ، تىلىنى ئۇدۇل چىقىرالايدىغان بولدى، گەپ- سۆزى ئېنىقلىشىپ، قان نوكچىسىنى ئېرىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. پۈتۈن قۇتقۇزۇپ داۋالاش جەريانى تېز، توغرا، ئۈنۈملۈك بولدى، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ سەكتە مەركىزى قۇرۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

 ئۇزاق مەزگىل ICU كېسەلخانىسى (ئېغىر كېسەللەرنى كۈچەيتىپ پەرۋىش قىلىش كېسەلخانىسى)دا خىزمەت قىلغاچقا، يۈەن شەيسۈن ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۈشەندى. ھەر ھەپتىدە،  يۈەن شەيسۈن يېرىم كۈن ۋاقىت چىقىرىپ خىزمەتداشلىرىغا سەكتە ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش تەجرىبىسى ۋە ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇردى. ئۇنىڭ تەربىيەلىشى ئاستىدا، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى بەش دوختۇر سەكتە كېسەللىكىنى قان نوكچىسىنى ئېرىتىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىگىلىدى.

 كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان يەرلىك داۋالاش ئەترىتىنى كۆرۈپ، يۈەن شەيسۈن ناھايىتى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك سەكتە مەركىزى ئامما ئۈچۈن مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسىلىنى قۇتقۇزۇشتا ئالتۇن 4.5 سائەتلىك ھاياتلىق توسۇقى بەرپا قىلىپ بېرىدۇ.»

 پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆپىيىشى ۋە رايونلارغا تەڭپۇڭ جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر سوزۇلما كېسەللىكلەر بويىچە ساغلاملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 باشلامچىلىق بىلەن سەكتە مەركىزى قۇرغاندىن باشقا، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يۈەن شەيسۈن ھەر ئايدا ئەترەتنى باشلاپ ھەر قايسى يېزا- بازارلارغا بېرىپ خالىس كېسەل كۆرۈپ، ئەڭ ئاددىي، چۈشىنىشلىك ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپچىلىككە مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسىلىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەتتى.

 «داۋالاش خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، غەربىي قىسىمدىكى چېگرا رايونغا كېلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىشتىن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىككە پارتىيەنىڭ  ياخشى سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن ساغلاملىق ۋە ھاياتلىق كاپالىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىشىم كېرەك.» دېدى يۈەن شەيسۈن. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125