ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن
«ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» 11- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەردان مۇقىيىت مۇنداق بىلدۈردى: جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرلۈك خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئىزاھلايمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش نازارىتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەرگە ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش خىزمىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدى.
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى ۋە ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ رايون جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش نازارىتى خەۋپ- خەتەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئاپەت زىيىنىنى ئۇنىۋېرسال ئازايتىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى دىڭ گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىز ئاپەت، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى ئۇچۇرىنى «بەش دەرىجە» بويىچە يوللاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 36 مىڭدىن ئارتۇق ئاپەت ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش خادىمى ئارقىلىق ئاپەت، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپىي تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاپەت ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ ئاپەت، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ساپاسى ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز يەنە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش بويىچە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن ئىجراسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسى تەرتىپى ۋە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھادىسە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئازايتىدۇ.
«پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاممىۋى بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش نازارىتى تەكشۈرۈش- باھالاش ۋە ئىستاتىستىكا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جوۋ تاۋ مۇنداق دېدى: «بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈشنى داۋاملىق چىڭىتىپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ھادىسىلەرنى يالغان مەلۇم قىلىش، مەلۇم قىلماي يوشۇرۇش قىلمىشىنى قاتتىق جازالاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئازايتىدۇ».
ئاپتونوم رايونلۇق كان جىددىي قۇتقۇزۇش باش ئەترىتى بۇلتۇر «مەملىكەت بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ باھالانغانىدى. ئاپتونوم رايونلۇق كان جىددىي قۇتقۇزۇش باش ئەترىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش ئەترەت باشلىقى مېي فېي مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن دىققەتنى «دۆلەت كوماندىسى» «ئاساسىي قوشۇن» بولۇشتەك فۇنكسىيەلىك ئورنىمىزغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كاندىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەمەلىي مەشىق ئارقىلىق قوشۇننى مەشىق قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)