ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
باش قىش پەسلىدە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىدە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغالدى، شىركەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتتى، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ھەرقايسى چوڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا كۈچەپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ كارخانىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۇختا تۈرتكە بولدى.
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پەن- تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دېگەن ھۆكۈملەردە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ساھەسى، يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئېچىپ، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئۈستۈنلۈك يارىتىشىمىز شەرت، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
11- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش پەن- تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خادىملىرى ۋە سېخ ئىشچىلىرى مۇھىم مەھسۇلاتلار بويىچە پەن- تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى چۆرىدەپ ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.
«ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى باشتىن- ئاخىر پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر يىلى سېتىش كىرىمىنىڭ %4ىنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىغا ئىشلەتتى.» ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىشنى چوڭقۇر ماسلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ھەقىقىي ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ۋە كۆمۈرنى پاكىز ئېچىپ پايدىلىنىشىنى چۆرىدەپ، يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئېچىپ، يېڭى ئۈستۈنلۈك يارىتىمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا يېتىلدۈرۈلۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى دۇنيا بويىچە تۇنجى يوللاش ئۇچىدىكى 1100± كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكلۇق توك ئالماشتۇرۇش تىرانسفورموتورى، 800± كىلوۋولتلۇق ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توكلۇق توك ئالماشتۇرۇش كىلاپانى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، دۆلەتنىڭ غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش نۇقتىلىق تۈرىدە بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشتۈرۈپ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توكنى نۇقتىدىن نۇقتىغا يەتكۈزۈشنى بىر نۇقتىدىن ئىككى نۇقتىغا يەتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم پات ئارىدا بىر نۇقتىدىن كۆپ نۇقتىغا توك يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ 800± كىلوۋولتلۇق كىيدۈرمە تۇرۇبىدىكى «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 800± كىلوۋولتلۇق تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇلۇشتا تورغا ئۇلىنىپ يۈرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئورنىغا دەسسىتىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇردى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى يەنە دۆلەت ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتور قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قۇردى، شىركەتنىڭ ھازىر بار بولغان توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال ساھەسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇلۇش تەجرىبىخانىسى، دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات خىزمەت پونكىتى ۋە ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئوچۇق شەكىلدىكى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى ئورتاق شەكىللەندۈردى. نۆۋەتتە، شىركەتنىڭ توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش ساھەسىدە بىر ئاكادېمىك بار، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يېڭى ماتېرىيال ساھەسىدىمۇ ئاكادېمىكلار مۇستەقىل مۇدىرىيەت ئەزالىقىنى ئۈستىگە ئالغان، ماگىستىر، دوكتورلاردىن تەشكىللەنگەن پەن- تېخنىكا تەتقىقات كوللېكتىپى ۋە پەن- تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى، پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %11ىنى ئىگىلەيدۇ.
جاڭ شىن مۇنداق بىلدۈردى: كارخانا رىقابىتىنىڭ يادروسى تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتىدۇر، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى بىر ئىختىساسلىقنى كىرگۈزۈش، بىر كوللېكتىپقا تۈرتكە بولۇش، بىر كەسىپنى زورايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، پەن- تېخنىكا بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قاتارلىق يۆنىلىشتىكى 1000دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
«ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى سىجىل تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئۇرغۇتىدۇ» دېدى جاڭ شىن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)