ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن
«2017- يىلى، مەن ئىلتىماس قىلىپ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى تاغئېرىق كەنتىگە بېرىپ بىر يىل تۇرغاندا، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولدۇم؛ 2021- يىلى، مەن كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى يەنە بىر قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى ئۇنتام كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى بولدۇم. ئىككى قېتىم كەنتتە تۇرۇش كەچۈرمىشىم مېنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان <يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش>قا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى» دېدى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئۇنتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى ياڭ لېي.
«يېڭى دەۋردە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدا.» ياڭ لېي مۇنداق دېدى: 1- شۇجى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «باشلامچى» بولۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۆزلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «بەشتە ياردەم بېرىش، سەككىزنى يېتەكلەش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش بويىچە قوشماقلىشىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەممىنى ئۆگىتىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ماھارىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇنتام كەنتى يېزا- كەنت سېخلىرى ۋە خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، بىرلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆز كەنتىنىڭ مۈلكى ۋە بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم بولۇش، كەسىپ ئۇزاققىچە داۋاملىشىش، بېيىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- يېزا ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات جەھەتلەردىن گۈللىنىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش لازىم.
«مەن پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتتە تەشەببۇسكار بولۇش، ئىجادىي بولۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى <باشلامچى>لاردىن بولىمەن.» ياڭ لېي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا، يېزا- كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك باغ- ئورمانچىلىق، ماركىلىق باغ- ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەم يېزا- كەنت سېخلىرى، خاس باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ماركا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا- كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە يېزا- كەنتلەرنى گۈزەل يۇرت، گۈلزارلىق، مېۋىلىك باغ، شادلىق باغچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)