بۇ تۆگە باقمىچىلىقى چوڭ ئائىلىسىنىڭ شىجائىتى بار
11:40:26 2022-12-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يۈز تۇياق تۆگە ئۆلچەملەشكەن سۈت پونكىتى

 بۇ تۆگە باقمىچىلىقى چوڭ ئائىلىسىنىڭ شىجائىتى بار

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ شىجۈ

 ھەر كۈنى سەھەردە، ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىل تاش بازىرى كېلتەگەي كەنتىدىكى تۆگە باققۇچى نۇربولات ئەمىر قوتانغا كىرىپ، تۆگىلەرگە يەم- خەشەك تەييارلاپ، سۇ قۇيۇپ، قوتاننى تازىلايدۇ.

 نۇربولات ئەسلىدە ئىزچىل يەر تېرىيتتى. ئىلگىرىكى يىللاردا، كەنت تەشكىللىگەن خاس باقمىچىلىق كۇرسىدا، ئۇ تۆگە باقمىچىلىقى كەسپىنىڭ بازار ئىستىقبالىنى ئىگىلىدى، شىجائەتلىك نۇربولات سىناپ بېقىشنى ئويلاپ، شۇ يىلى ئۈچ تۇياق تۆگە سېتىۋېلىپ تۆگە باقمىچىلىق يولىغا ماڭدى.

 نۇربولاتنىڭ خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تېخنىكلارنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلدى ھەم 50 مىڭ يۈەن قەرز ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. «كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە، مەن ئىلمىي باقمىچىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم، ئوخشاش بولمىغان نەسىلدىكى تۆگىدىن بىرنەچچىنى كىرگۈزۈپ سىناق قىلىپ باقتىم» دېدى نۇربولات.

 تۆگە باقمىچىلىقىغا تايىنىپ، نۇربولات ئائىلىسىنىڭ كىرىمى يىلدىن- يىلغا ئاشتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى تۆگە سانى بارغانسېرى زورىيىپ، دەسلەپكى ئۈچ تۇياقتىن كۆپىيىپ 100 نەچچە تۇياققا يەتتى، بۇلتۇر 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، شۇ جايدىكىلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلغان تۆگە باقمىچىلىقى چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندى.

 بۇنىڭدىن باشقا، نۇربولات ئۆز جايىدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۆگە سۈتىدىن قۇرۇت قاتارلىقلارنى ياساپ ساتتى. نۇربولاتنىڭ بېيىش يولىنى تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى پات- پات ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مەسلىھەت سورىدى، ئۇ ھەمىشە بىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتتى، ئۇنىڭ باشلامچىلىقى ۋە ياردىمىدە، كېلتەگەي كەنتىدىكى بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىمۇ تۆگە باقمىچىلىقى يولىغا ماڭدى.

 2021- يىلى، نۇربولات 70 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ، ئۆز ھويلىسىدا 50 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆلچەملەشكەن سۈت پونكىتى قۇرۇپ، ئەتراپىدىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىدىن تۆگە سۈتى يىغىپ بىرتۇتاش سېتىپ، كۆپچىلىكنىڭ بىللە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا باشلامچىلىق قىلدى.

 نۆۋەتتە، كېلتەگەي كەنتىدە 27 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى تۆگە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، تۆگە ئومۇمىي سانى 1200دىن ئاشتى. بۇ كەنت يەنە شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيوپەن- تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن تۆگە سۈتى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى.

 «كېيىنكى قەدەمدە، مەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تۆگە باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا باشلامچىلىق قىلىمەن.» كەلگۈسى تىلغا ئېلىنغاندا، نۇربولاتنىڭ ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125