قارا كۈنجۈت بىلەن سىياداننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بەك يېقىن كېلىدۇ، ئىككىسىنى بىر يەرگە قويۇپ قويغاندا، سىنچىلاپ قاراپ سېلىشتۇرمىسا، بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش تەس. قارا كۈنجۈتنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى گەپلەرنى كۆپ ئاڭلايمىز، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، ئادەم بەدىنىگە قايسى جەھەتتىن پايدا بېرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىرىمىز ئاز بولۇشى مۇمكىن.
بۈگۈن، مۇتەللىپنىڭ قارا كۈنجۈت بىلەن سىياداننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتە قانداق پەرقلىرى بارلىقى، قارا كۈنجۈتنىڭ ئادەم بەدىنىگە نېمە ئۈچۈن پايدا قىلىدىغانلىقى، ئادەم بەدىنىگە قانداق پايدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.