باي ناھىيەسى قىش پەسلىدە كالا، قوي باقمىچىلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى
21:00:53 2022-12-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 نۆۋەتتە، ھاۋانىڭ كۈندىن- كۈنگە سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، باي ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا- بازارلار قىش پەسلىدىكى چارۋا باقمىچىلىقى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلارنىڭ نەسلىنى يېتىشتۈرۈش، بورداش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىلى چارۋىلارنىڭ قوتاندىن چىقىرىلىش مىقدارى ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 قىش پەسلى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مۇھىم پەسىل بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. قىش كىرگەندىن بۇيان، باي ناھىيەسىنىڭ مىچىغ يېزىسى كالا، قويلارنى قىشتا ئىلمىي بېقىش ۋە سوغۇقتىن مۇداپىئە قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ساغلام بېقىش تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بۇ يىل قىشتىكى چارۋا باقمىچىلىقى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نورمال بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 بۇ يېزىنىڭ چارۋىلارنى مەركەزلىك بېقىش بازىسىدا باقمىچىلار يەم- خەشەك توشۇش، يەم- خەشەك ئۇۋىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، كالا، قويلارنىڭ قىشتىن ئۆتىدىغان يەم- خەشىكىنىڭ يېتەرلىك، تەڭشەش نىسبىتىنىڭ ئىلمىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. باقمىچى ئالىم ئېلى بىلەن دادىسى مۇشۇ كۈنلەردە ئىزچىل ئۆزىنىڭ قوتىنىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بىرنەچچە قېتىملىق سوغۇق ئېقىمنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار قوي- كالىلىرىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى، ئاتا- بالا ئىككىسى كالا- قوي بېقىپ، يەم- خەشەك تەييارلاپ، قوتىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاپ، بىر مىنۇتمۇ ئارام ئالمىدى.

 «مېنىڭ مىچىغ باقمىچىلىق مەيدانىدا 45 كالام، 400 قويۇم بار، يەم- خەشەك ناھايىتى تولۇق تەييارلاندى، بۇ يىل قىشتىن غەم قىلمىساقمۇ بولىدۇ، مەن كۆڭۈل قويۇپ باقسام، كېلەر يىلى چوقۇم ياخشى باھادا ساتالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن». دېدى ئالىم ئەلى.

 مىچىغ يېزىلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئەخمەت قاسىم مۇنداق دېدى: «مىچىغ چارۋا باقمىچىلىق بازىسىدا ھازىر 7850 كالا، 3560 قوي بېقىلىۋاتىدۇ، بىز 23 مىڭ توننا سىلوس ۋە 11 مىڭ توننا قۇرۇق ئوت- چۆپ تەييارلاپ، بۇ چارۋىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، دېھقانلارنى ئىلمىي بورداپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.»

  

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەسى دىققەتنى چارۋىچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىق كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، چارۋىلارنى مەركەزلىك بېقىش بازىسى قۇرۇش ئارقىلىق، چارۋا- قۇشلارنى ئۆلچەملىك بېقىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش، ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

 مىچىغ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى جۇ شياۋفۇ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىچىغ يېزىسى <پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاش، ھۆكۈمەت باشلامچى بولۇش، ئامما قاتنىشىش> شەكلى بويىچە مەركەزلىك بېقىش بازىسىغا تايىنىپ، پۈتۈن يېزىنىڭ چارۋا باقمىچىلىق سالمىقىنى زورايتتى، نۆۋەتتە پۈتۈن يېزا بويىچە قوتاندا بېقىلىۋاتقان كالا 16 مىڭدىن، قوي 9000دىن ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە بىز ئىلمىي، ئۆلچەملىك باشقۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ چارۋا باقمىچىلىقىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سېلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.»

 ئىختىيارىي مۇخبىر: ۋېي بەينىڭ،  ئۈمىد

پايدىلانغان مەنبە: باي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125