«دادا، قاراڭ، بۇ موزاينىڭ كۆزى قىزىرىپ قاپتۇ، تىل گېزىمۇ قېلىنلاپ قىزىرىپ قاپتۇ، ئازراق دورا ئىچكۈزۈۋەتسەك بولغۇدەك.» 12- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئارىشاڭ ناھىيەسى كۆك توخا نەسىللىك چارۋا فېرمىسى كۆك توخا ئەترىتىدىكى باقمىچى جاڭ مىڭنىڭ قوتىنىدا، ئۇنىڭ ئوغلى جاڭ جۈنبو موزاينىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەچ، جاڭ مىڭغا موزاينىڭ ئەھۋالىنى ئېيتتى، جاڭ مىڭ ئوغلىنىڭ دىياگنوزىنى ئاڭلاپ، دەرھال دورا سېتىۋالغىلى باردى. ئاتا- بالا ئىككىسى بىرلىكتە موزايغا دورا ئىچكۈزۈپ، جاڭ مىڭنىڭ كۆڭلى خېلى خاتىرجەم بولدى.
جاڭ مىڭ كۆك توخا نەسىللىك چارۋا فېرمىسىدىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، ئۆيىدە 2000 چوشقا، 1200 قوي، 210 كالا، 15 ئېشەك باقتى، ئۇلار ئۈچ ئائىلىلىك چارۋىچىنى ۋاكالىتەن بېقىشقا ياللاپ، ئۇلارغا ئېيىغا 4500 يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى بەردى.
جاڭ جۈنبو موزاينىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە
2020- يىلى يازلىق تەتىلدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان جاڭ جۈنبو ئۆيىگە قايتقاندا، تىرىك چوشقا ساتىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ بىۋاسىتە قوتان ئالدىغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دادىسىغا: «سىز <ئۈچ بۆلەكلىك> توشۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشىڭىز كېرەك» دەپ تەكلىپ بەردى. جاڭ جۈنبونىڭ داشۆدە ئۆگەنگەن كەسپى ھايۋانات مېدىتسىناسى ئىدى، ئۇ دادىسىنىڭ ئۇسۇلىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال دادىسىغا ئەسكەرتىش بەردى.
جاڭ مىڭ ئوغلىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يېرىم ئىشىنىپ، ئىشەنمەي، توردىن تەكشۈرۈپ، تېخنىكلار بىلەن بىر قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدى. لېكىن بۇ ئىش جاڭ مىڭنى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقمىغان بالىنىڭ ئۆزىدەك بۇ كەسپىي ئائىلىدىن كۆپ بىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرەلمىدى.
كېسەل كالىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئالدىدا
قىشلىق تەتىل يېتىپ كەلدى، جاڭ جۈنبو ھايۋانات مېدىتسىناسى پىراكتىكا دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى، ئۇ ھەر كۈنى قوتاندا چارۋىلارنىڭ ئادىتى، ئوت- چۆپ يېيىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، بىنورمال چارۋىنى بايقىغاندا، دەرھال جاڭ مىڭغا چارۋىنىڭ قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، قانداق داۋالاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. دەسلەپتە جاڭ مىڭ ئىشەنمەي، كەسپىي مال دوختۇرىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ تەكشۈرگۈزدى، نەتىجىسى ئوغلىنىڭ دىياگنوزى بىلەن ئوخشاش چىقتى، بۇنىڭ بىلەن جاڭ مىڭ ئوغلىغا باشقىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان بولدى.
جاڭ جۈنبو ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆيىگە قايتىپ دادىسىنىڭ باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەملىشىشنى قارار قىلدى، ئۇ يەم- خەشەكنىڭ تەڭشىلىش نىسبىتى، چارۋا ۋاكسىنىسى ئەملەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆيدىكى چارۋىلارنىڭ كېسەل بولۇشى نىسبىتى ئازايدى، مەھسۇلات قىممىتى ئاشتى، جاڭ مىڭ ئوغلى بىلەن بولغان پەرقنى ھېس قىلىپ، كەسپىي تېخنىكىنىڭ پايدىسىنى كۆردى.
قوزىنىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە
«ئالدىنقى يىللاردا كونا ئۇسۇل بويىچە ياخشى پەرۋىش قىلىنمىغاچقا، چارۋىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى، تۆللەش نىسبىتى ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئىدى، بۇلتۇر ئوغلۇم ئوقۇش پۈتكۈزۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قوي- كالىلارنى ياخشى پەرۋىش قىلغاچقا، بۇ يىل مەھسۇلات مىقدارى ياخشى بولدى، كېسەل بولۇشىمۇ ئازايدى، ۋاكسىنا ئەملەشمۇ ياخشى بولدى. بالىنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان يېرى بار بولدى، مەنمۇ بەك خۇش بولدۇم»، دېدى جاڭ مىڭ.
«ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دادامنىڭ بۇ باقمىچىلىق كۆلىمىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ يەنىلا ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى قوللىنىۋاتقان ئىدى. مەن مەكتەپتە نۇرغۇن زامانىۋى باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندىم، ناھايىتى قوللىنىشچانلىققا ئىگە، مېنىڭچە مەن بۇ تېخنىكىلارنى يۇرتۇمغا ئېلىپ كېلىپ، ئائىلەمنىڭ باقمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشۈم كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتراپىمدىكى يۇرتداشلارنىڭمۇ زامانىۋى باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، باقمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى، ئورتاق بېيىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى جاڭ جۈنبو.
(ئىختىيارىي مۇخبىر: خې يىڭ)
پايدىلانغان مەنبە: ئارىشاڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)