ئورالمىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورالمىسى ئىچىدە يېمەكلىكنى قۇرغاق ساقلايدىغان، كىچىك خالتىلىق خۇرۇچنى دائىم ئۇچرىتىمىز، ئۇنى يېگىلى بولمايدۇ، شۇڭا قولغا چىققان ھامان ئەخلەت چېلىكىگە تاشلايمىز. ئەمما ئۇنى كىچىك بالىلار قىزىقىپ ئېچىپ كۆرۈپ بېقىشى، ھەتتا يەيدىغان نەرسىگە ئوخشىتىپ تېتىپ بېقىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا خەتەر كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنداق بولسا، ئۇ زادى نېمىدىن ياسالغان؟ ئۇنىڭ خەتىرى زادى قانچىلىك؟ كىچىك بالىلار بىلمەي يەۋالسا، ۋاقتىنچە قانداق تەدبىر قوللىنىش كېرەك؟ بۈگۈن مۇتەللىپنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلايلى.