ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئاغرىپ قالغاندا ھېس قىلىمىز، بۇنداق چاغدا، ئالدى بىلەن يېمەكلىك ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلاپ، دورىخانىلاردىن ۋىتامىنلار ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىمىز، ئەمما ئەھۋالىمىز ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنى داۋاملىق كۈتۈشكە سەل قارايمىز. كۈندە ئىزچىل ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشقا تېخىمۇ سەل قاراپ، «مەن ساققۇ» دەپ ئۆزىمىزنى ئالداپ يۈرىمىز. يېمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قانداق تەڭشەيمىز؟ ئىلمىي ھەرىكەتنى قانداق تاللايمىز؟ رىتىملىق، يېتەرلىك ئۇيقۇ مۇھىممۇ؟ كەيپىياتنى قانداق تۇراقلاشتۇرىمىز؟ بۈگۈن مۇتەللىپنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.