راك كېسىلىدىن ھەممىمىز قورقىمىز، چۈنكى كۆپىنچە راك كېسىلىنى داۋالىغىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشىمىزدا يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلمىساق، مۇھىت تازىلىقىغا دىققەت قىلمىساق، ياخشى تۇرمۇش رىتىمىمىزنى ساقلاپ يۈرمىسەك كېسەل بىزنى بوزەك قىلىدۇ، ئاخىرىدا يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. بۇلاردىن سىرت، بىز يەنە راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولسا سىز ئەتراپىڭىزدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىدىن قانچىنى بىلىسىز؟ سىز مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باققانمۇ؟ بۈگۈن مۇتەللىپتىن مۇشۇ ھەقتىكى ساۋاتلارنى ئاڭلاپ بىلىۋالايلى.