بىر قېتىمدا تۆتنى تۆللەش تولى ناھىيەسى كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى باقمىچىلىقىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى
16:51:45 2023-01-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «بۇ خۇياڭ قويى ئالدىنقى قېتىمدا ئۈچنى تۆللىگەن، بۇ قېتىمدا تۆتنى تۆللىدى». 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، تولى ناھىيەسى لۈفېڭيۈەن تېرىقچىلىق- باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ليۇ چۇنگۇي تۇغۇلغىنىغا نەچچە كۈن بولمىغان تۆت خۇياڭ قوزىسىغا قاراپ، خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.

تولى ناھىيەسىدىكى لۈفېڭيۈەن  تېرىقچىلىق- باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ بېقىپ، تۆللەش نىسبىتىنى %300كە يەتكۈزدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تولى ناھىيەسى كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى باقمىچىلىقىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دورپېر قويى، خۇياڭ قويى، كىچىك قۇيرۇقلۇق خەنياڭ قويىنى كىرگۈزۈپ سىناق تەرىقىسىدە بېقىپ، گۆش قويىنىڭ ئەلا نەسىللىشىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. ليۇ چۇنگۇي مۇنداق دېدى: «بىز 25 قوتان سېلىشنى پىلانلىدۇق، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 مو كېلىدۇ، 20 مىڭ قوي بېقىشنى پىلانلىدۇق. سىناق قىلىپ بېقىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغىنى خۇياڭ قويى. خۇياڭ قويى تېز چوڭىيىدۇ، گۆشى تەملىك، بورداش ۋاقتى قىسقا، بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى».

 تولى ناھىيەسىدىكى لۈفېڭيۈەن تېرىقچىلىق- باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆپ تۆللەيدىغان قوي بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يېتىپ، ھازىر بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، بىر تەرەپتىن باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 430دىن ئارتۇق قوي بار، بۇنىڭ ئىچىدە ساغلىق 260 تۇياق. تەجرىبە قىلىپ كېڭەيتكەندىن كېيىن، يەرلىك گۆش قويىنى ئەلا نەسىللەشتۈرۈش ۋە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. ليۇ چۇنگۇي مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىل 2- ئايدا يەنە شەندۇڭغا بېرىپ، 3000 خۇياڭ قويى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدۇق، ھەربىر خۇياڭ قويى ئادەتتە ئىككىدىن تۆتكىچە تۆللەيدۇ، ھەر يىلى 12 مىڭنى قوتاندىن چىقارغىلى بولىدۇ». 

تولى ناھىيەسىدىكى لۈفېڭيۈەن تېرىقچىلىق- باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايغا 80دىن ئارتۇق ئىش ئورنى ھەل قىلىپ بەردى.

 «بىزنىڭ بىر ئايلىق مائاشىمىز 4000 يۈەن، ئىشمۇ ئېغىر ئەمەس، مېنىڭ بۇ يەردە داۋاملىق ئىشلىگۈم بار». ھەمكارلىق كوپىراتىپى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىسى دۇمان ناسىپخان بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىدى، يېنىك خىزمەت، مۇقىم كىرىم ئۇنى بۇ يەردە ئۇزاق مۇددەت ئىشلەش خىيالىغا كەلتۈردى. 

 ھەمكارلىق كوپىراتىپى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايغا 80دىن ئارتۇق ئىش ئورنى ھەل قىلىپ بەردى، يەنە ئەتراپتىكى دېھقان- چارۋىچىلار بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك يەم- خەشەك بىلەن تەمىنلەش ھەمكارلىقى ئورنىتىپ، شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بىرلىكتە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ليۇ چۇنگۇي مۇنداق دېدى: «بىز سىناق تەرىقىسىدە بېقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى تولى ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارغا كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز».

 تولى ناھىيەسى «ئۆلچەملەشكەن، كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن» زامانىۋى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىپ، پەن- تېخنىكا باقمىچىلىقىنى تىرەك قىلىپ، يۆلەش مەبلىغى، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە چارۋىچىلىق، باقمىچىلىققا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانىغا تايىنىپ، ئەلا چارۋا نەسلىنى كىرگۈزۈپ، «كارخانا+ بازا+ دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. 

 تولى ناھىيەلىك چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ شۆفېڭ مۇنداق دېدى: «تولى ناھىيەسى لۈفېڭيۈەن تېرىقچىلىق- باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ بېقىپ، تۆللەش نىسبىتىنى %300كە يەتكۈزدى. 2023- يىلى، بىز چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقمىچىلىقىنى يۆلەشنى ھەم <باشلامچى كارخانا+ ھەمكارلىق كوپىراتىپى+ دېھقان- چارۋىچى ئائىلىلىرى ھويلا- ئاران باقمىچىلىقى> شەكلى ئارقىلىق، كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقمىچىلىقىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىدۇق، بۇ ئارقىلىق دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ھويلا- ئاران باقمىچىلىقىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق رايون چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».

 (ئىختىيارىي مۇخبىرلار: دارخان، ۋاڭ شۈدۇڭ)

 مەنبە: تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125