قېتىقنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلەمسىز؟
11:20:34 2023-01-10

 قېتىق ــ كالا سۈتىنى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدا ئېچىتىپ تەييارلايدىغان ئىچىملىك بولۇپ، سۈتكە قارىغاندا ساقلاش مۇددىتى ئۇزاق، قېتىق تەركىبىدىكى ئاقسىل كالا سۈتىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئوڭاي سۈمۈرۈلگەنلىكتىن، پايدىلىنىش قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

 1) ئوڭاي ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. قېتىق سۈتكە قارىغاندا ئوڭاي ھەزىم بولۇپ بەدەندە تېز پارچىلىنىدۇ، چۈنكى قېتىق تەركىبىدە ئاشقازان- ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە سۈمۈرۈشىگە پايدىلىق، ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىلار بار، شۇڭا، قېتىق ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

 2) كالتسىي تولۇقلايدۇ. كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قېتىق تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى سۈتتىكى كالتسىيغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. 

 3) ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، قېتىق چوڭ ئۈچەي باكتېرىيەسىنى كونترول قىلىپ، جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك رېتسېپ ھېسابلىنىدىكەن.

 4) ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. قېتىق بىر قىسىم ۋىتامىنلارنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، ئورگانىزمنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

 5) راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيەسى بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ.

 6) قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 7) ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈپ، تېرىنى تازىلايدۇ. قېتىق ئارقىلىق ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇسۇل بولۇپ، قېتىقنى يۈزگە سۈرۈپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسە، تېرىنى پارقىراق، سۈزۈك قىلىدۇ. 

 8) قېتىقنىڭ نەملىكنى ساقلاش رولى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، قېتىقتىكى ۋىتامىن A، ۋىتامىن B قاتارلىقلار تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئوكسىدلىنىش ۋە پارچىلىنىشىنى توسۇپ، تېرىنىڭ مۈڭگۈزلىشىشى ۋە قۇرغاقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 9) ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا قېتىق ئېچىشنى داۋاملاشتۇرغاندا تەركىبىدىكى ۋىتامىن A، ۋىتامىن B2 قاتارلىقلار سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيەسى بىلەن بىرىكىپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

 ئائىلىدە ئاددىي بولغان قېتىق ئۇيۇتۇش ئۇسۇلى

 ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان قېتىق تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، تەمىمۇ خىلمۇخىل، لېكىن بەزى كىشىلەر ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان ئەسلىي تەمدىكى قېتىقنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ ئۇنداقتا ئۆيدە قېتىق ئۇيۇتۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى بارمۇ؟ 

 ئائىلىدە قېتىق ئۇيۇتۇش ماشىنىسى بولمىغان ئەھۋالدا بۇ خىل ئاددىي قېتىق ئۇيۇتۇش ئۇسۇلىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

 كېتىدىغان ماتېرىيال: كالا سۈتى 1.5 كىلوگىرام، قېتىق 150 گىرام.

 قېتىق ئۇيۇتۇش ئۇسۇلى:

 1) قېتىق ئۇيۇتىدىغان قاچا ياكى كورىنى پاكىزە يۇيۇپ تەييارلايمىز. 

 2) كورىغا 1.5 كىلوگىرام سۈتنى قۇيۇپ سۇس ئوتتا بوش قاينىتىپ، كۆپۈك چىققاندا ئوتنى ئۆچۈرىمىز.

 3) قاينىتىپ تەييارلىغان سۈتنى ئالدىن تەييارلىۋالغان قاچا ياكى كورىغا قويىمىز، سۈت 40 گىرادۇسلار ئەتراپىدا سوۋۇغاندا، ئۇنىڭغا 150 گىرام قېتىقنى قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

 4) قاچىنىڭ ياكى كورىنىڭ ئاغزىنى ھىم يېپىپ، داستىخان بىلەن ئوراپ بىر كېچە ئېچىتىمىز. 

 5) ئىككىنچى كۈنى قويۇق، يېيىشلىك قېتىق تەييار بولىدۇ.

 قېتىق ئىستېمال قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 

 1) يېشىغا توشمىغان بوۋاقلارغا قېتىق ئىچكۈزۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. چۈنكى، يېشىغا توشمىغان بوۋاقلارغا قېتىق ئىچكۈزگەندە، قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئانتىبىئوتىكلارنى ھاسىل قىلىپ، نورمال باكتېرىيە توپىنىڭ ئۆسۈشىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاشقازان- ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 2) ئاچ قورساق قېتىق ئىچىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئاچ قورساق قېتىق ئىچكەندە ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ، سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، قېتىقنى ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە ئىچىش كېرەك. 

 3) قېتىق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئېغىزنى چايقىۋېتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسىنىڭ چىشقا بولغان زىيىنىنى ئازايتىپ، سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى سەۋەبلىك چىشنى قۇرت يېيىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. 

 4) قېتىقنى ئىسسىتىپ ئىچمەسلىك كېرەك، قېتىقنى ئىسسىتقاندا تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى ئاكتىپ سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئۆلۈپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ تەمىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125