ئادەم بەدىنىدىكى ئېلېمېنتلار ئىچىدە، كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن ۋە ئازوت قاتارلىق ئېلېمېنتلار ئورگانىك بىرىكمە ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندىن باشقا، قالغان ئېلېمېنتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھالىتىنىڭ قانداق بولۇشى، مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ مىنېرال ماددىلار ياكى ئانئورگانىك تۇزلار دەپ ئاتىلىدۇ.
نۆۋەتتە، ئالىملار 21 خىل ئېلېمېنتنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلارنى ھاسىل قىلىش، مېتابولىزمغا قاتنىشىش، نورمال رەتلەش ئىقتىدارىنى ساقلاشتا زۆرۈر بولغان مىنېرال ماددا دەپ قارالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مىنېرال ماددىلارنى ئادەم بەدىنىدە بىرىكتۈرگىلى بولمايدۇ، چوقۇم سىرتقى مۇھىتتىن قوبۇل قىلىش كېرەك، ئوخشاش بولمىغان مىنېرال ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان ئىقتىدارى ۋە پايدىسى ئوخشاش بولمايدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە مۇھىم بولغان بىرقانچە خىل مىنېرال ماددا ئېلېمېنتىنى تونۇشتۇرىمىز.
ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان بىرقەدەر مۇھىم مىنېرال ماددىلار قايسىلار؟
ئادەم بەدىنىدە مىقدارى كۆپرەك مىنېرال ماددىلاردىن فوسفور(P)، ماگنىي(Mg)، ناترىي(Na)، كالىي(K)، كالتسىي(Ca)، خىلور(CI)، ۋە گۈڭگۈرت(S) قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار بەدەندىكى ئومۇمىي مىنېرال ماددا مىقدارىنىڭ %80- %60ىنى ئىگىلەيدۇ. باشقا ئېلېمېنتلار مەسىلەن، تۆمۈر(Fe)، يود(l)، مىس(Cu)، سىنك(Zn)، مانگان(Mn)، سېلىن(Se)، كوبالىت(Co)، نىكېل(Ni) قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بۇلار مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزا، توقۇلمىلاردا ئومۇمەن تەبىئەت دۇنياسىدا بار ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى يەر شارىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ئېلېمېنتلارنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 20 خىلدىن كۆپرەكى ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى توقۇلمىلارنى تۈزۈش، فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ياساش ۋە ئورگانىزمدىكى ماددا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر؛ لېكىن، ئۇلار ئورگانىزمنى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.
مىنېرال ماددىلار ئورگانىزمدىكى توقۇلمىلارنى تۈزگۈچى مۇھىم تەركىبتۇر (مەسىلەن، كالتسىي، فوسفور ۋە ماگنىي قاتارلىقلار سۆڭەك بىلەن چىشنى، گۈڭگۈرت ۋە فوسفور توقۇلما ئاقسىلنى تۈزىدۇ). ئۇ يەنە ئاقسىللار بىلەن بىرلىكتە ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تەڭشەش ۋە سۇ تەركىبىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق نورمال ئوسموس بېسىمىنى ۋە كىسلاتا- ئىشقارلىق دەرىجىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، نېرۋا ۋە مۇسكۇللارنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.
يېمەك- ئىچمەكلەردە مىنېرال ماددىلار كۆپ بولۇپ، ئادەتتە ئورگانىزمىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. لېكىن، ئوزۇقلۇقشۇناسلىق نەزەرىيەسىدىن قارىغاندا، ئادەم بەدىنىدە بىرقەدەر ئاسان ئازلاپ كېتىدىغان مىنېرال مادداــ كالتسىي بىلەن تۆمۈر ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك رايونلاردا يود، سىنك ۋە سېلىن قاتارلىقلارمۇ كەمچىل بولىدىكەن.
ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىنېرال ماددىلارنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟
1. ماگنىي (Mg). ماگنىي چىش ۋە سۆڭەكنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىغا پايدىلىق بولۇپ، مۇسكۇللارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈرەك ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى قوغداپ، ھەيزنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدۇ. بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان ماگنىي يېتەرلىك بولمىغاندا پۇت قول ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللار تىترەش ياكى تارتىشىپ قېلىش، يۇقىرى قان بېسىم، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم، كۆك پۇرچاق، خاسىڭ، تاغ ياڭىقى، ئۆرۈك مېغىزى، ئارپا ئۈندۈرمىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ماگنىي ئېلېمېنتىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
2. كالىي (K). كالىي ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ھۈجەيرىگە يۆتكەپ، ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق كېرەكسىز ماددىلارنىڭ ھۈجەيرىدىن چىقىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىپ، مۇسكۇل ۋە نېرۋىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ، مۇسكۇللارنىڭ بوشىشى ۋە ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا پايدىلىق بولۇپ، قان شېكىرىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كالىيمۇ ماددا ئالمىشىشقا قاتنىشىپ، يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىنى قوغداپ، ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىنىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بەدەندە كالىي كەمچىل بولغاندا مۇسكۇللار ماغدۇرسىزلىنىش، پۇت- قوللار ئۇيۇشۇش، مىجەزى چۇس بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، قورساق كۆپۈش ۋە تەپەككۇرى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خاڭگا، كاۋا، ھەسەل، بەسەي، چىڭسەي قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن كالىي ئېلېمېنتىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
3. كالتسىي (Ca). كالتسىي سۆڭەكنى تەشكىل قىلغۇچى ئېلېمېنت بولۇپ، يۈرەك، نېرۋا ۋە تېرىنى قوغداپ، مۇسكۇل ۋە سۆڭەكنىڭ ئاغرىق سېزىمىنى يېنىكلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىسلاتا- ئىشقارلىق دەرىجىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. بەدەندىكى كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىغاندا، مۇسكۇللار تارتىشىپ قالىدۇ ياكى تىترەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىش چىرىش ۋە يۇقىرى قان بېسىم ھەمدە بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ھەر كۈنلۈك كالتسىي قوبۇل قىلىش مىقدارى 800 ~ 1000 مىللىگىرام بولىدۇ. كالا سۈتى، كاللەكبەسەي، بۇغداي، كاۋا ئۇرۇقى ۋە ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن كالتسىي ئېلېمېنتىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
4. ناترىي (Na). ناترىي بەدەندىكى سۇ تەركىبىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، نېرۋا پائالىيىتى ۋە مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ھۈجەيرىگە توشۇيدۇ. بەدەندە ناترىي كەمچىل بولغاندا باش قېيىش، تۆۋەن قان بېسىم، تومۇر سوقۇشى تېزلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، ئورۇقلاش ۋە مۇسكۇللار تارتىشىپ قېلىش ھەمدە باش ئاغرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر كۈنلۈك ناترىي مىقدارى 2400 مىللىگىرام ئىچىدە بولسا بولىدۇ. ئەگەر كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا يۇقىرى قان بېسىم، بۆرەك كېسىلى ياكى سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ناترىي تۇزى ۋە چىلىغان سەي قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن ناترىي ئېلېمېنتىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
5. تۆمۈر (Fe). تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، ئوكسىگېن ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ ئالمىشىشى ۋە توشۇلۇشىغا قاتنىشىدۇ. بەدەندە تۆمۈر كەمچىل بولغاندا چىرايى تاتىرىش، قان ئازلىق، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، بەدەن چارچاش ۋە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھايۋانات قېنى، ھايۋانات جىگىرى، قارا گۆش، چىلان قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن تۆمۈر ئېلېمېنتىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
6. سىنك (Zn). سىنك ئۆسۈپ يېتىلىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا بولۇپ، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تاغ ياڭىقى، دانلىق زىرائەت، ئوسېتر قۇلۇلىسى، خاسىڭ، ئۆرۈك مېغىزى ۋە سۇلۇ قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئارقىلىق سىنك ئېلېمېنتىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
7. سېلىن (Se). سېلېن ناھايىتى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئورگانىزمنى قوغداپ، ئەركىن رادىكاللارنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى يېنىكلىتىپ، قارشىلىق كۈچى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم، گۆش، خاسىڭ، دادۇر، كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن سېلېن ئېلېمېنتىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتمە: ئادەتتە يۇقىرىقى مىنېرال ماددىلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك، لېكىن قانچە كۆپ قوبۇل قىلسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس، چوقۇم مىقدارىنى كونترول قىلىپ، زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)