ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددا− ياغ (ماي)نى چۈشىنەمسىز؟
18:21:54 2023-01-13

 «ياغ بولمىسا ھاياتلىق بولمايدۇ». ھازىرقى زامان كىشىلىرى سېمىزلىكتىن قورقىدۇ. ياغ سېمىزلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ياغدىن قورقىدۇ، ئۇلار يېمەكلىكتىكى ياغدىن قورقىدۇ، ئۆز بەدىنىدىكى ياغدىن تېخىمۇ قورقىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل خاتا چۈشەنچە. ياغ ئادەم بەدىنىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «ياغ بولمىسا، ئادەمنىڭ ھاياتى بولمايدۇ».

 ياغ ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلما، ھۈجەيرىلەرنى تۈزگۈچى مۇھىم تەركىب بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %14ىنى ئىگىلەيدۇ. يېمەكلىكلەردىكى ياغلار ئورگانىزمنى كۆپلىگەن تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى ۋە ئېھتىياجلىق ياغ كىسلاتاسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ يەنە ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، ياغ يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى ياخشىلايدۇ ۋە ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئادەتتە ئورگانىزمدىكى بىر گىرام ياغ پارچىلانسا، سەككىز كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق ھاسىل بولىدۇ.

 ئېھتىياجلىق ياغ كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىدە بىرىكەلمەيدىغان ياكى بىرىكىش سۈرئىتى ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان، يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىش زۆرۈر بولغان، فىزىيولوگىيەلىك پائالىيەتتىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ياغ كىسلاتاسىنى كۆرسىتىدۇ.

 ئادەم بەدىنىدىكى ياغ  = بەدەندىكى ياغ + قاندىكى ياغ

 1. قاندىكى ياغ قان سۇيۇقلۇقىدىكى ياغنى كۆرسىتىدۇ. قاندىكى ياغ مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولسا ئارتېرىيە قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

 2. بەدەندىكى ياغ بەدەندىكى ئومۇمىي ياغنى كۆرسىتىدۇ. بەدەندىكى ياغ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم بەدىنىگە نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مۇسكۇل، ياغ ۋە سۆڭەك ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچ خىل توقۇلما. ئەمما كىشىلەر دەۋاتقان سېمىزلىك ئەمەلىيەتتە مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى سۆڭەكنىڭ توم بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئاساسلىقى بەدەندىكى ياغنىڭ، بولۇپمۇ نېيترال ياغنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. 

 ياغلار ئادەتتە تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى (ئاساسلىق ھايۋانات ياغلىرى)نىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار. لېكىن، مىقدارى ئېشىپ كەتسە ياكى ئۇزاق مۇددەت، كۆپ مىقداردا ياغلىق نەرسىلەرنى يېگەندە، ئاسانلا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى (ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك ياغلىرى)نىڭ قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلاش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇش رولى بار، لېكىن ئۇزاق مۇددەت مىقدارى ئېشىپ كەتسە راك كېسىلىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.

 ئادەتتە ياغلارنىڭ مەنبەسى ئۆسۈملۈك بىلەن ھايۋاناتتۇر، كۈندىلىك تەمىنلەش مىقدارى ئادەتتە ئومۇمىي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ %30- %20ىنى ئىگىلىسە مۇۋاپىق بولىدۇ. لېكىن، كىشىلەرنىڭ بەدەن سۈپىتى، يېشى ۋە بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان ياغمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە ياشلار ۋە بالىلارنىڭ ياغقا بولغان ئېھتىياجى بىرقەدەر زور بولىدۇ، يەنى كۈنىگە 80 گىرام ئەتراپىدا ياغ قوبۇل قىلسا بولىدۇ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ۋە بەزى قان بېسىمى يۇقىرى، قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى، قان قەنتى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ياغقا بولغان ئېھتىياجى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ، چۈنكى، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ياغنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ خىل كىشىلەر كۈنىگە 40 گىرام ئەتراپىدا ياغ قوبۇل قىلسا بولىدۇ، ئەرلەرنىڭ ياغقا بولغان ئېھتىياجى ئاياللارنىڭكىدىن 20 گىرام ئەتراپىدا كۆپ بولىدۇ. 

 ئەگەر ئادەم بەدىنى ئۇزاق ۋاقىت ياغنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلسا، ئاسانلا دىيابېت كېسىلى، تاجسىمان ئارتېرىيە قېتىش، يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسىلى، جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەكتە ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، بولۇپمۇ ھايۋانات مېيىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بەدەندىكى ياغنىڭ خوراش مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

 ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىش يوللىرى تاللاش خاراكتېرلىك بولىدۇ، ياغ سېمىز گۆشلەردىلا مەۋجۇت بولمايدۇ، نۇرغۇن يېمەكلىكلەردىمۇ ياغ بولىدۇ، مەسىلەن، تۇخۇم، ئورۇق كالا گۆشى، قوي گۆشى ۋە بېلىق، ئورۇق توخۇ گۆشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلىك ياغ بولىدۇ، ھەتتا كالا سۈتىدىمۇ بەلگىلىك ياغ بولىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ياغنىڭ سۈپىتى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ، بەدەنگە ئېھتىياجلىق ياغنى نورمال تولۇقلىغاندا، بەدەن تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125