ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددا − قەنت (كاربون ـــ سۇ بىرىكمىلىرى)نى چۈشىنەمسىز؟
10:02:11 2023-01-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 قەنت تۈرىدىكى ماددىلار پولىگىدروكسىل (ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق) دىكى ئالدېگىد (Aldehyde) ياكى كېتون (Ketone) تۈرىدىكى بىرىكمىلەر بولۇپ، ھىدرولىزلانغاندىن كېيىن يۇقىرىقى ئىككىسىنىڭ بىرى بولغان ئورگانىك بىرىكمىلەرگە ئايلىنىدۇ. خىمىيەلىك جەھەتتە، ئۇ كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن ئېلېمېنتلىرىدىن تەركىب تاپقاچقا، خىمىيەلىك ئىپادىسىدە «كاربون» بىلەن «سۇ»نىڭ پولىمېرلىنىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا كاربون − سۇ بىرىكمىلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 قەنت نۇرغۇن يېمەكلىكلەر ئىچىدە تەبىئىي ھاسىل بولغان كاربون − سۇ بىرىكمىلىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنى زۆرۈر ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ، ھەر بىر گىرام گىلۇكوزا (قەنت) تۆت كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەنتلەر يەنە توقۇلما، ھۈجەيرىلەرنى تۈزگۈچى مۇھىم تەركىب بولۇپ، ھەر خىل فىزىيولوگىيەلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، ئۇ يەنە توكسىن (زەھەرلىك ماددىلار)نى سۈمۈرۈپ، ئاقسىلنى تېجەيدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى ۋە ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 قەنتلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ــ دانلىق زىرائەتلەر، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، مېۋە- چېۋىلەر ۋە كۆكتاتلارنىڭ تۈگۈن يىلتىزى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەمىنلەيدىغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بەدەندىكى ئېنېرگىيەنىڭ %70-%60ىنى تەشكىل قىلىدۇ.

 قەنت (كاربون ـــ سۇ بىرىكمىلىرى)نىڭ ئورگانىزمدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى

 قەنت (كاربون ـــ سۇ بىرىكمىلىرى)نىڭ ئورگانىزمدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى ئاساسلىقى گىلۇكوزا، گىلىكوگېن، قەنت تەركىبلىك بىرىكمە ماددا دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇ ھۈجەيرىنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەيدىغان بولۇپ، ھۈجەيرە ھاياتلىق قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچى ماددىسىدۇر.

 قەنت زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، سېمىزلىكنى ھەتتا دىيابېت كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيادە ئاز قوبۇل قىلىنسا، ئاقسىل ئىسراپ بولۇش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ، قان شېكىرى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئادەم بەدىنى كاربون − سۇ بىرىكمىلىرىنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  ئادەم بەدىنى قانچىلىك قەنتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ 

 تەبىئىي ھاسىل بولغان قەنتنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، ئادەم بەدىنى بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارقىلىق ساغلاملىقنى ساقلاشقا موھتاج. مەسىلەن، فرۇكتوزىدىن باشقا، مېۋە تەركىبىدە يەنە تالا، ھەر خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار. ھالبۇكى، تەركىبىگە قەنت قوشۇلغان كۆپ ساندىكى يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەر، مەسىلەن، شاكىلات ۋە كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل. 

 ئادەم بەدىنى كاربون − سۇ بىرىكمىلىرى تەركىبىدىكى قەنت ۋە كىراخمالدىن پايدىلىنىپ چوڭ مېڭىنى گىلۇكوزا بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. كاربون سۇ بىرىكمىلىرى يەنە ئادەم بەدىنىنى تالا ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر خىل مېۋە، كۆكتات ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە باشقا كاربون − سۇ بىرىكمىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق كۈندىلىك كېرەكلىك قەنتنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. لېكىن، مۇتەخەسسىسلەر ئادەم بەدىنىدىكى قەنتتىن كەلگەن ئىسسىقلىق مىقدارى كۈندە %10تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ تەكلىپ بەرگەن.

 قەنت زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا قان شېكىرى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دىيابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، بوغماق ئۈچەي راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى خولېستېرىن، بۆرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى، كۆرۈش تور پەردىسى زەخىملىنىش ۋە مۇسكۇل ۋە نېرۋا زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قان شېكىرى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىمۇ چوڭ مېڭىدە مەسىلە پەيدا قىلىپ، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دىيابېت كېسىلى بولمىغان كىشىلەر توپىدىمۇ شۇنداق. قەنتنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش يەنە چىشنى قۇرت يېيىش، تېرە قېرىش، سېمىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 مېدىتسىنا ساھەسىدىكى بەش تۈرلۈك كىلىنىكىلىق تەجرىبىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۆۋەن مىقداردىكى كاربون − سۇ بىرىكمىلىك يېمەك - ئىچمەك بىلەن تۆۋەن مايلىق يېمەك - ئىچمەك ئوخشاش ئۈنۈملۈك بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى تېز سۈرئەتتە يېنىكلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىيابېت كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125