ئېشەك سۈتىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلەمسىز؟ (1)
18:25:21 2023-01-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئېشەك سۈتى ئادەم سۈتىگە ئەڭ يېقىنلىشىدىغان سۈتلەر ئىچىدىكى قىممەتلىك ئالاھىدە سۈت تۈرىگە تەۋە بولۇپ، يېشىل ۋە تەبىئىي بولغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا سۈتلەرنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ، ئېشەك سۈتىنىڭ قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى. ئادەم بەدىنىدىكى يۈرەك، ئاشقازان، تال، ئۆپكە، جىگەر، مەزى بېزى قاتارلىق كۆپ خىل ئەزالارغا نىسبەتەن ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ نىسبىتى ئادەم سۈتىنىڭ %99ىگە يېقىنلىشىدۇ.  

ئېشەك سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر

 1) ئاقسىل

 ئېشەك سۈتىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %2.1- %1.34 ئەتراپىدا بولۇپ، ئورگانىزم ئەڭ ئېھتىياجلىق توققۇز خىل زۆرۈر ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى، تۈرى بىرقەدەر مۇكەممەل بولۇپ، كالا سۈتىنىڭكىدىن يۇقىرى، ئانا سۈتىگە يېقىنلىشىدۇ؛ ئېشەك سۈتى ئالبۇمىن(清蛋白)لىق ئاقسىل تۈرىگە تەۋە، سۈت ئاق ئاقسىلى ھەم سۈت شارچە ئاقسىلى لاكتابۇمىننىڭ مىقدارى بىرقەدەر مول بولۇپ، %60تىن يۇقىرى، ئۇنى خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئوزۇقلۇق تەركىبى بىرقەدەر مول بولغان تەبىئىي ئاقسىل، دەپ تەرىپلەپ كەلمەكتە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئېشەك سۈتىدە بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كۆپ خىل ۋىتامىن، ئېنزىم، پېپتىد، ئىممۇنىتېتلىق تەركىبلەر، شۇنىڭدەك كۆپ خىل ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنلار، ئۆسۈپ يېتىلىشكە، ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بىيولوگىيەلىك ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوزۇقشۇناسلار تەرىپىدىن ئاقسىل پادىشاھى، دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 

 2) ۋىتامىن

 ھەر 100 گىرام ئېشەك سۈتى تەركىبىدىكى ۋىتامىن B1, B2, C لارنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 0.056، 0.02، 4.75 گىرام، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى بىرقەدەر مول بولۇپ، بىر مىللىگىرامغا يېتىدۇ، كالا سۈتىنىڭكىدىن 4.75 ھەسسە يۇقىرى، ئات سۈتىنىڭكىدىن تۆۋەن، ئانا سۈتىگە يېقىنلىشىدۇ. ۋىتامىن Eنىڭ مىقدارى 0.02 مىللىگىرام بولۇپ، ئات سۈتىنىڭكىدىن تۆۋەن، قوي سۈتى ۋە ئۆچكە سۈتىگە  يېقىنلىشىدۇ.

 3) مىنېرال ماددا

 ئېشەك سۈتى تەركىبىدە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولۇپ، كالتسىينىڭ مىقدارى بىرقەدەر مول، ھەر 100 گىرام تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى 84.9 مىللىگىرامغا يېتىدۇ، كالا سۈتىنىڭكىدىن تۆۋەنرەك، قوي سۈتى ۋە ئات سۈتىنىڭكىدىن يۇقىرى. ئېشەك سۈتىدىكى فوسفورنىڭ مىقدارى 50 مىللىگىرامغا يېتىدۇ، قوي سۈتىنىڭكىدىن تۆۋەن. تۆمۈر، سنىك، مىس قاتارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارى ئانا سۈتى بىلەن يېقىنلىشىدۇ، بولۇپمۇ، سېلىننىڭ مىقدارى ئەڭ مول بولۇپ، كالا سۈتىنىڭكىدىن 5.2 ھەسسە يۇقىرى، ھازىر دۆلىتىمىزدە يولغا قويۇلۇۋاتقان «سېلىن مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆلچىمى» بويىچە سېلىشتۇرغاندا، سېلىن تولۇقلاش ئىچىملىكى ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىزدە %70تىن ئارتۇق رايون سېلىن كەمچىل ياكى سېلىن تۆۋەن رايون ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئېشەك سۈتى بىر خىل تۆۋەن ياغلىق، تۆۋەن خولېستېرىنلىق، يۇقىرى كالتسىي، يۇقىرى سېلىنلىق ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ.

 4) ياغ ۋە ياغ قەنتى 

 ئېشەك سۈتىدىكى ئومۇمىي ياغنىڭ مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن، ئانا سۈتىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئومۇمىي ياغ كىسلاتاسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ۋە مۇقىم، ياغ تەركىبىدىكى لىنولېئىك كىسلاتاسى بولسا ئورگانىزم ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئومۇمىي ياغ كىسلاتاسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %27.95 ئەتراپىدا، كالا ۋە قويلاردىكى لىنولېئىك كىسلاتاسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدىن يۇقىرى. لىنولېئىك كىسلاتاسى ئورگانىزمدىكى خولېستېرىننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەركىب بولۇپ، ئەگەر ئادەم تېنىدە لىنولېئىك كىسلاتاسى ئازىيىپ كەتسە، ئۆسۈش ئاستىلاش، كۆپىيىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، نېرۋا توقۇلمىلىرى ۋە يۈرەك قان تومۇر، جىگەر، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ناچارلىشىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

 ئېشەك سۈتىدىكى لاكتوزىنىڭ مىقدارى %6.4، ئانا سۈتىنىڭ %7.4، كالا سۈتىدە بولسا %4.8. لاكتوزا بەدەندە پارچىلانغاندىن كېيىن، گىلۇكوزا ۋە گالاكتوزا ئىشلەپچىقىرىدۇ، گىلۇكوزا ئورگانىزمغا ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ، گالاكتوزا بولسا قەنت ۋە ياغنى بىرىكتۈرىدۇ، نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىب بولۇپ، بوۋاقلار نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي بىرلىك بولالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، لاكتوزا پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كالتسىي، فوسفور قاتارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 ئېشەك سۈتىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، ھەر 100 گىرام سۈتتە 2.2 مىللىگىرام بولىدۇ. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125