ئېشەك سۈتىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلەمسىز؟ (2)
16:03:41 2023-01-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئېشەك سۈتى باشقا سۈتلەرگە قارىغاندا كۆپلىگەن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ مىقدارى كالا سۈتىگە يېقىنلىشىدۇ، ئالاھىدە سۈت تۈرىگە تەۋە بولۇپ، يېشىل ۋە تەبىئىي بولغان ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا سۈتلەرنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ، ئېشەك سۈتىنىڭ قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى.

 تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئېشەك سۈتى ئادەمنىڭ يۈرەك، ئاشقازان، تال، ئۆپكە، جىگەر ۋە مەزى بېزى قاتارلىق كۆپ خىل ئەزالىرىغا مەنپەئەت قىلىدىغان، ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ چىقىلغان.

ئېشەك سۈتىدىكى ئالاھىدە تەركىبلەر

 1) سېلىن  

 ھەر 100 گىرام ئېشەك سۈتى تەركىبىدە ئون مىكروگىرام سېلىن بولۇپ، باشقا ھەرقانداق ھايۋانات سۈتىنىڭكىدىن يۇقىرى، ئۇ ھەرقايسى ئورگان، توقۇلمىلاردا، بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا بولىدۇ. سېلىن ئورگانىزمدا ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنى غىدىغلاپ، ئورگانىزمدىكى پايدىسىز تەركىبلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ھۈجەيرە پەردىسى ۋە بويىغۇچى تەننى قوغداپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، سېلىن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، قالقانبەز ھورمۇنلىرىنى تەڭشەپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىنېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، ئېشەك سۈتىدىكى مول مىقداردىكى سېلىن كېشەن كېسىلى(克山病)نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.

 سېلىن زەھەرلىك تەركىبلەرنىڭ ئاجرىلىپ چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى قوغداپ، ئۇرۇقنىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

 2) تائۇرىن 

 تائۇرىن ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ بوۋاقلارنىڭ مېڭە توقۇلمىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدۇ، نېرۋىلارغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش، كۆرۈش سېزىمى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان تەركىب ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە، ئۆزى بىرىكىدىغان تائۇرىننىڭ مىقدارى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان تائۇرىننىڭ ھەممىسى سىرتتىن قوبۇل قىلغان يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ، سىرتتىن قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە تائۇرىننىڭ مىقدارى چەكلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ كۆپىيىشى بىلەن تائۇرىن مىقدارى ئازىيىپ ماڭىدۇ. ھەر 100 گىرام ئېشەك سۈتىدىكى تائۇرىننىڭ مىقدارى 17.73 مىللىگىرام بولۇپ، ئۇنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولمىسىمۇ باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بىلەن بىرىكىپ، ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم بەدىنىدە ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينىيالايدۇ.

ئېشەك سۈتىنىڭ دورىلىق قىممىتى 

 «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا، ئېشەك سۈتىنىڭ تەمى تاتلىق، زەھەرسىز، سوغۇقنى ھەيدەپ، تەشنالىقنى قاندۇرىدۇ، كۆپ ئىچىپ بەرسە كۈچ- ماغدۇر بېرىدۇ، بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مامىرانچىن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۈيىنى ئېلىپ كۆزگە تېمىتىپ بەرسە، بالىلاردىكى ئىسسىقتىن بولغان كۆز قىزىرىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىسسىتىپ ئىچسە، سوغۇق يەلدىن بولغان سەۋداغا مەنپەئەت قىلىدۇ، كىچىك بالىلارنىڭ تېنىدىكى ئىسسىقنى ھەيدەپ زەھەر قايتۇرىدۇ، تېرە ئەسۋىنى كونترول قىلىدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن.

 1) ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

 2) كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنى تىزگىنلەيدۇ.

 3) ياللۇغلىنىشنى يوقىتىپ، ئاغرىق توختىتىدۇ.

 4) ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.

 5) ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، جىگەرنى ئاسرايدۇ.

 6) ئۆسمىنى تىزگىنلەيدۇ.

 7) دىيابېتتىن كېلىپ چىقىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 8) سەكتە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 9) تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

 10) بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچىسى بولالايدۇ.

ئېشەك سۈتى ئىچىشكە ماس كېلىدىغان كىشىلەر

 1) ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن، تېنى ئاجىز، ئوزۇقلىنىشى ناچار بولغانلار، ھامىلىدارلار ۋە بالىلارغا ماس كېلىدۇ.

 2) يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ماس كېلىدۇ. 

 3) ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەي يارىسى بارلار، قورساق ئاغرىيدىغان، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى، جىگەر ئىقتىدارى ناچارلار.

 4) دىيابېت، سېمىزلىك، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ.

 5) مەزى بېزى ياللۇغى، جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىز، ھەيز مەزگىلى نورمال بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ.

 6) ئۆسمە ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ خىمىيەلىك داۋالاشتىن كېيىن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن ئىچىشىگە ماس كېلىدۇ.

 7) ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، كېكىردەك ياللۇغى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، بوغۇم ياللۇغى، قان ئازلىق، كۆزگە ئاق چۈشۈش، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ.

 8) رىئاكسىيەلىك بۇرۇن ياللۇغى، تېرە قىچىشىش قاتارلىق رىئاكسىيەلىك كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ.

 9) كاناي شاخچە ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوز، زىققا كېسىلى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە ماس كېلىدۇ.

 10) قالقانبەز ئىقتىدارى چېكىنىشتەك ئىچكى ئاجراتما ئەزالىرى كېسەللىكلىرىگە ماس كېلىدۇ.

 11) ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى قان ئازلىققا ماس كېلىدۇ.

 12) خىزمەت بېسىمى يۇقىرى، ئۇزاق مۇددەت ھېرىپ- چارچاش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدىكى كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدۇ.

 13) كالا سۈتى رېئاكسىيە قىلىدىغان، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.

 14) دائىم ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.

 15) ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئورۇقلاش مەقسىتىدە بولغانلارغا، زىيادە سەمرىپ كەتكەنلەرگە ماس كېلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125