تۆگە سۈتىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلەمسىز؟
20:03:40 2023-01-20

  «دورا ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى»دا تۆگە سۈتى تاتلىق، مۆتىدىل، زەھەرسىز، بەدەنگە ھارارەت بېرىدىغان، سۆڭەكنى چىڭىتىپ، قۇۋۋەت بولىدىغان شىپالىق دورا، دەپ كۆرسىتىلگەن.

 تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، تۆگە سۈتىدە مىكروبقا، ئوكسىدلىنىشقا، ياللۇغلىنىشقا ۋە باكتېرىيەگە قارشى تەركىبلەر بولۇپ، جىگەر، ئاياللار كېسەللىكلىرى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزىغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئۈنۈمى بارلىقى، دىيابېت، جىگەر كېسەللىكلىرى، راك كېسەللىكلىرى ۋە بالىلاردىكى راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكى دەلىللەپ چىقىلغان. 

 تۆگە سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئانا سۈتىگە يېقىنلىشىدۇ، تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلاشتۇرغۇچى تەركىبلەر بار بولۇپ، كالا سۈتى رېئاكسىيە قىلىدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچىسى بولالايدۇ.

تۆگە سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر

 1) ئاقسىل

 تۆگە سۈتىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭ تۆگىسىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى كالا سۈتىنىڭكىدىن 1.42 ھەسسە يۇقىرى.

 2) ۋىتامىن 

 تۆگە سۈتىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6 قاتارلىقلار مول.

 3) مىنېرال ماددا

 تۆگە سۈتىدە مول بولغان مىنېرال ماددىلاردىن كالىي، كالتسىي، ناترىي، سىنك، مانگان، تۆمۈر قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار.

 4) ياغ

 تۆگە سۈتىدىكى ياغلار تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ئومۇمىي مىقدارى %6.39- %5.65 ئەتراپىدا بولۇپ، كالا سۈتىدىكى ياغ كىسلاتاسىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى، ئومۇمىي ياغنىڭ مىقدارى ئانا سۈتىدىن 1.4 ھەسسە، كالا سۈتىدىن 1.6 ھەسسە، ئات سۈتىدىن 2.5 ھەسسە، ئېشەك سۈتىدىن 5.2 ھەسسە يۇقىرى.

تۆگە سۈتىنىڭ دورىلىق قىممىتى

 1) ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ.

 تۆگە سۈتى ئەڭ ياخشى تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ئىچىملىك بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، تۆگە سۈتىدىكى مول بولغان ۋىتامىن A ،B2 ،C ،D ،E قاتارلىقلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر ھېسابلىنىدۇ، بۇ تەركىبلەر كېسەللىك باكتېرىيەلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇلمىلار بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

 2) جىگەرنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە.

 تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئىسپىرت تەسىرىدىن ئىقتىدارى ناچارلاشقان جىگەرنى تۆگە سۈتى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى ۋە جىگەرنى قوغداپ قالغىلى بولىدىكەن.

 3) ياللۇغلىنىشتىن بولغان كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 تەجرىبىلەردىن ئايان بولۇشىچە، ساپ، يېڭى تۆگە سۈتىنىڭ ياللۇغلىنىشنى پەسەيتىش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىلغان.

 4) ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 تۆگە سۈتى ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىنى داۋالاش جەھەتتە باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئايان بولۇشىچە، ئاشقازان يارىسى بارلار تۆگە سۈتى ئىچىپ بەرگەندىن كېيىن، ساقىيىش نىسبىتى %57.5 بولىدىكەن.

 5) ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 تۆگە سۈتىدىكى مىكروبلارغا قارشى تەركىبلەر تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىدۇ، تۇبېركۇليوز كېسەللىرى تۆگە سۈتىنى ئىچكەندىن كېيىن يۆتىلىش، بەلغەم، زىققا، مەيدىسى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكلەيدۇ. 

 6) يۈرەك كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 تۆگە سۈتى تەركىبىدىكى قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغان ئاكتىپ ئېنزىم، ئېغىر ھالقىلىق فاكتورلار، باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزىم، لاكتوفېررىن قاتارلىق تەركىبلەرنىڭ بۆرەك كېسىلىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقى ئىسپاتلاپ چىقىلغان.

 7) دىيابېت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 تۆگە سۈتىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەركىبىنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تۆگە سۈتىدە گەرچە ئىنسۇلىننىڭ مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن تەركىبىدىكى سىستېئىن دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىل ئاشقازان كىسلاتاسى تەرىپىدىن ئاجرىلىپ چىقىرىلىپ، قەنتنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ۋە مىقدارىنى چۈشۈرىدىغان ئىنسۇلىنلىق ئاقسىلنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ دىيابېت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك تەركىب ھېسابلىنىدۇ.  

 8) راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، تۆگە سۈتى راك كېسەللىرى ۋە ئەيدىز كېسەللىرى قاتارلىق ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىچىملىكى بولۇپ، تۆگە سۈتى تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە كالتسىي قاتارلىقلار ئۆسمىنى كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. تۆگە سۈتى تەركىبىدە تەبىئىي تەركىبلەر مول بولۇپ، بوغماق ئۈچەي راكى باشقا راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە.

 9) خامۇشلۇق كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تۆگە سۈتى ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى خامۇشلۇق كېسەللىرىگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدىكەن. 

 10) ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ.

 تۆگە سۈتىدىكى ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلىنىڭ قۇرۇلمىسى ئانا سۈتىدىن پەرقلىق بولۇپ، سىرتتىن كىرگەن كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125