ئات سۈتىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلەمسىز؟
11:25:45 2023-01-30

«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا ئات سۈتى تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق، زەھەرسىز، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، تەشنالىقنى قاندۇرىدۇ، تېرىگە سۈركەپ بەرسە، تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، دېيىلگەن.

ئات سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر

 1) ئاقسىل

 ئات سۈتىدىكى ئومۇمىي ئاقسىلنىڭ مىقدارى %3.5-%2 ئەتراپىدا، ھەر 100 گىرام ئات سۈتىدە ئاقسىلنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى 2.85 گىرام بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاقسىل ھېسابلىنىدۇ.

 2) ۋىتامىن

 ئات سۈتىدە ۋىتامىنلار مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنE، ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنC، ۋىتامىنۋە پانتوتېنىك كىسلاتاسى قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى بىرقەدەر مول.

 3) مىنېرال ماددا

 ئات سۈتىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى كالا سۈتى ۋە قوي سۈتىگە قارىغاندا بىرقەدەر تۆۋەن، تەخمىنەن %0.3، لېكىن ئۇنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر مۇۋاپىق.

 4) ياغ

 ئات سۈتىدىكى ياغلارنىڭ مىقدارى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، پەقەت %1- %2 ئەتراپىدا، ھەر 100 گىرام ئات سۈتىدىكى ئومۇمىي ياغنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى 1.55 گىرام، قاندىكى ياغنى چۈشۈرۈش رولىغا ئىگە.

 5) مىكرو ئورگانىزملار 

 ئات سۈتىدە سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسىنى ئاساس قىلغان سۈت تاياقچە باكتېرىيەسى، سۈت شارچە باكتېرىيەسى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن مەلۇم نىسبەتتە ئۈچەي يوللىرىدا چاپلىشىپ ماكانلىشىدۇ ھەم فىزىيولوگىيەلىك توسۇق ھاسىل قىلىدۇ، ۋاسىتىلىك ھالدا زەھەرلىك باكتېرىيەلەرنى توسۇپ قالالايدۇ. 

 6) قەنت

 ئات سۈتىدىكى لاكتوزىنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، تەخمىنەن %5.7- %5.5 ئەتراپىدا، ھەر 100 گىرام ئات سۈتىدىكى لاكتوزىنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى 6.7 گىرام، بۇ خىل تەركىب ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق.

ئات سۈتىنىڭ دورىلىق قىممىتى

 1) ئەڭ ئۈنۈملۈك كالتسىي تولۇقلىغۇچى بولالايدۇ.

 2) ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 3) ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

 4) قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

قىمىز

 قىمىز ــ ئات سۈتىنى خام ئەشيا قىلىپ تەييارلىنىدىغان، تەركىبىدە تىرىك ھالەتتىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىچىملىكتۇر.

 قىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق- چۈچۈك، بەدەندىكى سوغۇق ھۆللۈكنى ھەيدەيدىغان، پەينى بوشىتىدىغان، قاننى جانلاندۇرۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان، باھنى كۈچەيتىدىغان، روھنى تىنچلاندۇرىدىغان، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى ياخشىلايدىغان، ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدىغان، ئۆپكە تۇبېركۇليوز، رېماتىزم، نېرۋا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، قان كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدىغان يېمەكلىك ئارقىلىق كېسەل داۋالاشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ. 

 قىمىز، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. موڭغۇل تېبابىتىدە قىمىزنى ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، ھەزىمگە ياردەم بېرىدىغان، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەيدىغان، تېرىنى پارقىرىتىپ يۇمرانلاشتۇرىدىغان، قاننى جانلاندۇرۇپ، توكسىنلارنى ھەيدەيدىغان شىپالىق دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلمەكتە. قىمىز يەنە ئۇيقۇنى ياخشىلاش، زەھەر قايتۇرۇش، قان تولۇقلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە، يېقىندىن بۇيان قىمىزنىڭ ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، ئۆپكە شاخچە ياللۇغى، ئاشقازان، ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش، ھەيز نورمالسىز بولۇش، جىگەر زەھەرلىنىش ۋە زەخىملىنىش، سۇلۇق ئىششىق، قاننىڭ بۇزۇلۇشى، بۆرەك كېسەللىكلىرى، تۇبېركۇليوز، بۆرەكنى ئىسسىق قاپلاش، قىزىتما قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە بەلگىلىك تەسىر ۋە ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

قىمىزنىڭ دورىلىق قىممىتى

 1) ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.

 2) قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 3) قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 4) قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.

 5) بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 6) نېرۋا كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 7) ھەزىم يولى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

 8) ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ۋە ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

قوشۇمچە ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىكى رولى 

 بىرىنچىدىن، قىمىزنى ئېچىتىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا ئېچىتقۇ باكتېرىيە، ئورگانىك كىسلاتا شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

 ئىككىنچىدىن، قىمىز تەركىبىدىكى مول ئاقسىل ئورگانىزمنىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

 ئۈچىنچىدىن، قىمىز ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، بەدەندىكى قەنتنىڭ پارچىلىنىشىنى تەڭشەيدۇ، دىيابېت كېسەللىكىنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125