قوتاز سۈتىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلەمسىز؟
22:28:18 2023-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 

  قوتاز سۈتى تەملىك ۋە خۇش پۇراق بولۇپ، سۈتى ئەڭ ساپ، مەنبەسى ئەڭ يېشىل مەھسۇلات دېيىشكە بولىدۇ؛ قوتاز ئوكسىگېن كەمچىل بولغان ئېگىز تاغ باغرىلىرىدا ئۆسكەن، ھېچقانداق دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەلىك ئوغۇت ۋە ئانتىبىيوتىكلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئالاھىدە ئېكولوگىيەلىك شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئىگە دورىلىق قىممىتى بولغان ياۋا ئوت- چۆپلەرنى ئوزۇقلۇق مەنبەسى قىلىدۇ، ئىچىدىغىنى ساپ مىنېرال سۇ بولۇپ، بۇ خىل ئەۋزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوتاز سۈتىنىڭ تەبىئىي ھەم يېشىل قىممىتىنى بەلگىلىگەن.

قوتاز سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر

 1) ئاقسىل 

 قوتاز سۈتىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %5.73- %4.71 ئەتراپىدا بولۇپ، كالا سۈتىنىڭكىدىن %15 يۇقىرى، ھەر كىلوگىرام سۈتتىكى ئوتتۇرىچە مىقدارى 42- 64 گىرامغىچە يېتىدۇ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئىچىدە سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتاسى قوتاز سۈتىدە بار. قوتاز سۈتىدىكى گىستىدىن ئورگانىزمنىڭ بۆرەك ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، بۆرەك، مېڭە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا قوتاز سۈتىدىكى سىستېئىننىڭ ئاساسلىق رولى بولسا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، راك ھۈجەيرىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 2) ۋىتامىن

 قوتاز سۈتىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى باشقا سۈتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى، بولۇپمۇ ۋىتامىن C، ۋىتامىن Eلارنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، كالا سۈتىنىڭكىدىن ئىككى يېرىم ھەسسە يۇقىرى. قوتاز سۈتىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى ئىقتىدارى باشقا ھەرقانداق سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەردىن ئالاھىدە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 3) مىنېرال ماددا 

 قوتاز سۈتىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كالتسىينىڭ قويۇقلۇقى نىسبەتەن يۇقىرى، ھەر 100 گىرام قوتاز سۈتىدىكى كالتسىينىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى 135.94 مىللىگىرام بولۇپ، كالا سۈتىنىڭكىدىن سەل يۇقىرى؛ ھەر 100 گىرام قوتاز سۈتىدىكى فوسفورنىڭ مىقدارى 100.2 مىللىگىرام.

 4) ياغ 

 ھەر كىلوگىرام قوتاز سۈتىدىكى ياغنىڭ مىقدارى 55- 86 گىرام دائىرىسىدە، ياغ شارچىسىنىڭ دىيامېتىرى كالا سۈتىنىڭكىدىن يۇقىرى، لاكتوزىنىڭ مىقدارى 33- 58 گىرام، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى %4.82كە يېتىدۇ. قوتاز سۈتى ئورگانىزمدىكى ياغنىڭ كۆپىيىپ چۆكمە ھاسىل بولۇشىنىڭ ھەم دىيابېت ۋە ئارتېرىيەلىك قان تومۇر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، راك ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرىدۇ.

 5) مىكرو ئورگانىزم

 قوتاز سۈتىدە مىكرو جانلىقلارنىڭ تۈرى بىرقەدەر كۆپ، پايدىلىق باكتېرىيەلەردىن 148 خىل باكتېرىيە توپى مەۋجۇت، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغ باكتېرىيەسىدىن 132 خىل باكتېرىيە توپى بار.

قوتاز سۈتىنىڭ دورىلىق قىممىتى

 1) كالتسىي تولۇقلايدۇ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.

 قوتاز سۈتىدە مول بولغان كالتسىي ۋە ئۇنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولغان ۋىتامىن D بولۇپ، سۆڭەك ۋە چىشنى چىڭىتىدۇ. ھامىلىدارلار ۋە ھامىلىنىڭ كۈندىلىك كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھامىلىنىڭ كالتسىي كەملىكتىن كېلىپ چىققان ھەر خىل ناچار تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 2) ھامىلىدارلاردىكى ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

 قوتاز تېنىدە تەبىئىي ئانتىبىيوتىكلار مەۋجۇت بولۇپ، ھارغىنلىققا، سوغۇققا، ئوكسىگېنسىز شارائىتقا، رادىياتسىيەگە چىدامچانلىقى بىلەن تەبىئىي ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. قوتاز سۈتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى دەپ قارىلىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ئېچىپ بەرسە، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

 3) ھامىلىدارلارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 قوتاز سۈتىدىكى لىنولېئىك كىسلاتا بەدەندىكى ياغ مىقدارىنى ئۈنۈملۈك چۈشۈرىدۇ، ئاياللاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

 4) تېرىنى سىلىقلاپ، قورۇقنى يوقىتىدۇ.

 قوتاز سۈتىدە تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدىغان تەركىبلەر بولۇپ، تېرىنى پارقىراق ۋە يۇمران قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئالىي دەرىجىلىك ياغ، ھەر خىل ئاقسىللار، ۋىتامىنلار، مىنېرال ماددىلار، بولۇپمۇ ۋىتامىن B گۇرۇپپىلىرى بولۇپ، تېرە يېرىلىش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 5) ھامىلىدارلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ.

 كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن قوتاز سۈتى ئىچىپ بەرسە، ھامىلىدارلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

 6) ئوڭاي ھەزىم بولىدۇ، تۇغۇتلۇق ئاياللاردا سۈت كۆپەيتىدۇ.

 قوتاز سۈتىنىڭ بىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى ئانا سۈتىگە ئەڭ يېقىن بولۇپ، سۈتتىكى ئورگانىك كىسلاتا ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار ئوڭاي ئېرىشچان ھالەتتە بولىدۇ، ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ، تۇغۇتلۇق ئاياللاردا سۈت كۆپەيتىدۇ ھەم سۈت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. 

 7) ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 قوتاز سۈتىدە تالالىق بىرىكمىلەر، ياغ كىسلاتاسى، ئورگانىزم ئېھتىياجلىق بولغان ياغدا ئېرىشچان ۋىتامىنA قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ، بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەيدۇ، سۈتتىكى لاكتوزا چىرىگەن باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىنىڭ سىلىق ۋە راۋان ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

 8) راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 قوتاز سۈتىدىكى ياغنىڭ تەركىبىدىكى لىنولېئىك كىسلاتانىڭ مىقدارى كالا سۈتى ۋە قوي سۈتىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى، ئۆچكە سۈتىنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى، بۇ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ئورگانىزمدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ۋە دىيابېتنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان تەركىبتۇر.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125