ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ ئەسكەرتىشى: توڭلاتقۇدا ئېشىپ قالغان باھار بايرىمىلىق يېمەكلىكلەرنى ئىلمىي ساقلاڭ
14:09:18 2023-02-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ) 1- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: توڭلاتقۇ «بىخەتەرلىك ساندۇقى» ئەمەس، باھار بايرىمىلىق ماللارنىڭمۇ «سۈپەت كاپالەت مۇددىتى» بار، توڭلاتقۇغا يوشۇرۇنغان «ساغلاملىق قاتىلى»دىن ھوشيار بولۇپ، توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىكلەرنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. 

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئاممىۋى سەھىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياڭ خاۋفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: توڭلاتقۇدا ساقلانغان يېمەكلىكلەردىكى «يەككە كۆپەيگەن لىستېرىيە باكتېرىيەسى»دىن ھوشيار بولۇش كېرەك، ئۇ تۆت سېلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇق ساقلانغان يېمەكلىكلەردە كۆپىيىدىغان، شۇنداقلا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق مۇھىتتا 12 ھەپتىدىن ئارتۇق ياشىيالايدىغان بولۇپ، «توڭلاتقۇ قاتىلى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن. 

 ياڭ خاۋفېڭ ئاھالىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەيلى قانداق يېمەكلىك بولسۇن، ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا قانچە ئۇزاق تۇرسا، مىكرو جانلىقلار شۇنچە كۆپ كۆپىيىدۇ، ئېشىپ قالغان تاماق، قورۇمىلارنى يېيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى چوقۇم توغرا ساقلاش ئۇسۇلى بىلەن ساقلاش كېرەك:

 بىرىنچى، توڭلاتقۇدىكى ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى ئايرىم قاچىدا تۈرگە ئايرىپ ساقلاپ، قورۇمىلارنىڭ ئارىلىشىپ گىرەلەشمە يۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ 

 ئىككىنچى، پىشۇرۇلمىغان  يېمەكلىك ماتېرىيالى بىلەن پىشۇرۇلغان قورۇمىلارنى ئايرىم ساقلاش كېرەك؛ 

 ئۈچىنچى، بىر قىسىم تەييار يېمەكلىكلەرنى ئايرىم ساقلاپ، باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

 تۆتىنچى، توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاپ، توڭلاتقۇ ئىچىنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛

 بەشىنچى، يېمەكلىك سېتىۋالغاندا ۋە تەييارلىغاندا، ئىمكانقەدەر ۋاقتىدا پىشۇرۇپ ۋاقتىدا يېيىش، توڭلاتقۇدا بەك ئۇزاق ساقلاشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ 

 ئالتىنچى، ئېشىپ قالغان قورۇما، ئېشىپ قالغان تاماقنى قايتا يېيىشتىن بۇرۇن تولۇق قىزىتىش، تولۇق پىشۇرۇش كېرەك.

 ئادەتتە توڭلاتقۇدا يېمەكلىك ساقلاشقا قارىتا، ياڭ خاۋفېڭ تۆۋەندىكىدەك ئىلمىي تەكلىپلەرنى بەردى:

 1. توڭلاتقۇنى ئەڭ ياخشىسى پەقەت يەتتە ئۈلۈش توشقۇزۇش 

 توڭلاتقۇنى ئالتە- يەتتە ئۈلۈش توشقۇزغاندا، يېمەكلىك ياكى قاچا ئارىسىدا بەلگىلىك بوشلۇق قېلىپ، ئاندىن توڭلاتقۇ ئىچىدىكى ھاۋا تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈشۈپ، توڭلاتقۇ ئىچىنى كۆڭۈلدىكىدەك تېمپېراتۇرا قىممىتىگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

 2. ئىسسىق يېمەكلىك سوۋۇغاندىن كېيىن ئاندىن توڭلاتقۇغا سېلىش

 مەيلى سوغۇق ساقلاش رايونى ياكى توڭلىتىش رايونى بولسۇن، يېمەكلىكنى سوۋۇتقاندىن كېيىن ئاندىن توڭلاتقۇغا سېلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا توڭلاتقۇنىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇقىم، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق بولۇشىغا، تېمپېراتۇرىنىڭ زىيادە ئۆرلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا توك پۇلىنى تېجەپلا قالماي، يەنە يېمەكلىكنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

 3. تېمپېراتۇرىنى 4 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن كونترول قىلىش

 مىكرو جانلىقلارنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۆسۈش تېمپېراتۇرىسى كۆپىنچە 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 57 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ، شۇڭا توڭلاتقۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 4 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن قىلىپ بېكىتكەندە، مىكرو جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

 4. توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاش، ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەرنى ساقلىماسلىق

 يېمەكلىكلەرنىڭ ساقلاش مۇددىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش، يېمەكلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال بىرقەدەر بالدۇر ساقلانغان يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ ئىشلىتىش كېرەك. يېمەكلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يېمەكلىكنىڭ ئەڭ ياخشى ئىستېمال قىلىش ۋاقتى بويىچە ئىستېمال قىلىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125