قوي سۈتىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلەمسىز؟
17:39:45 2023-02-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  قوي سۈتىنىڭ خەلقئارادا ئوزۇقشۇناسلىق ساھەسىدىكى سۈت پادىشاھى دېگەن نامى بار، ئۇ بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپلا قالماي، يەنە ئوڭاي سۈمۈرۈلىدىغان، لاكتوزىغا ماسلىشالماسلىق ئالامەتلىرى ئاز كۆرۈلىدىغان، ئانا سۈتىگە ئەڭ يېقىنلىشىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

 ئۇزاق مۇددەت قوي سۈتى ئىچىپ بەرسە، بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش بىلەن بىرگە، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، قوي سۈتى تەركىبىدىكى ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارى كالا سۈتىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ.

 قوي سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر

 قوي سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر كالا سۈتىنىڭكىدىن %10 ئەتراپىدا يۇقىرى، قوي سۈتىدە تىپىك بولغان ئۆسۈشكە ياردەم بەرگۈچى تەركىبلەر، ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىل، بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلاشتۇرغۇچى پېپتىد ھالىتىدىكى بىرىكمە ئاقسىل ۋە ئورگانىزمغا زۆرۈر بولغان ۋىتامىنلار، مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، ئوكسىدلىنىشقا، ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ، ئۈچەي يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

 1) ئاقسىل 

 قوي سۈتىدىكى ئاقسىلنىڭ ئومۇمىي مىقدارى %5.59 ئەتراپىدا بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل ھېسابلىنىدۇ.

 2) ۋىتامىن

 ھەر 100 گىرام قوي سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىننىڭ ئومۇمىي مىقدارى 780 مىكروگىرام ئەتراپىدا، بۇ خىل ۋىتامىنلار ئىچىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنC قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، كالا سۈتىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى تۇرىدۇ، بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قاندۇرالايدۇ.

 3) مىنېرال ماددا

 قوي سۈتىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى %0.86 ئەتراپىدا بولۇپ، كالا سۈتىنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى، قوي سۈتىدە كالا سۈتىنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولغان ئېلېمېنتلاردىن كالتسىي، فوسفور، كالىي، ماگىنىي، مىس، مانگان قاتارلىقلار بار.

 4) ياغ 

 قوي سۈتىدىكى ياغنىڭ مىقدارى %5- %3.6 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭدا مول بولغان قىسقا زەنجىرلىك ياغ كىسلاتاسى، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇچۇچان ياغ كىسلاتاسى ئومۇمىي ياغ كىسلاتاسىنىڭ %245ىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن كالا سۈتىدىكى تەركىبى %10كىمۇ يەتمەيدۇ، شۇڭا قوي سۈتى ئەڭ ئوڭاي سۈمۈرۈلىدىغان سۈت ھېسابلىنىدۇ.

 5) خولېستېرىن 

 ھەر 100 گىرام قوي سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى 10- 13 مىللىگىرام بولۇپ، ھەر 100 گىرام ئانا سۈتىدە 20 مىللىگىرامغا يېتىدۇ، قوي سۈتىدىكى خولېستېرىننىڭ تۆۋەن بولۇشى ئارتېرىيە قېتىش ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ خەتىرىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

 6) يادرو كىسلاتاسى

 قوي سۈتىدىكى يادرو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى كالا سۈتى ۋە ئانا سۈتىنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى، قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەل دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاساسىي بىرلىكىنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىب بولۇپ، جانلىقلارنىڭ ھاياتىي پائالىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

 قوي سۈتىنىڭ دورىلىق قىممىتى

 «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا، قوي سۈتى خۇشبۇي، تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەپ ماغدۇرسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، يۈرەك ۋە ئۆپكىنى ياشارتىپ، ھارغىنلىققا شىپا بولىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ، بالىلاردىكى چۆچۈش، قۇرۇق قەي قىلىش، ئاشقازان ئاجىزلىقلىرىنى داۋالايدۇ، بەدەننى سەمرىتىپ، يۇزىنى پارقىراق قىلىدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن.

 1) قوي سۈتى ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پايدىلىق.

 2) بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

 3) مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

 4) كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

 5) ئورگانىزمنىڭ كىسلاتا- ئىشقارلىق ھالىتىنى تەڭشەيدۇ.

 6) ئىككىلەمچى ساغلاملىق كېلىپ چىقىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

 7) ئارتېرىيە ۋە يۈرەك قان تومۇر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 8) بوۋاقلارنى يېتەرلىك ئوزۇقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

 قوي سۈتىنىڭ قوشۇمچە ساقلىق ساقلاش جەھەتتىكى رولى

 1) تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، پارقىرىتىدۇ، ئاياللار ئىچىپ بەرسە ياكى يۈزىگە سۈركەپ بەرسە، يۈز مۇسكۇللىرى پارقىراق ھەم يۇمران تۇرىدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 2) ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، زەھەر قايتۇرىدۇ.

 3) ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشىگە قوي سۈتى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ، قوي سۈتى ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ بەدەننى كۈچلەندۈرگىلى بولىدۇ.

 4) ھەر خىل جاراھەتلەرنى ئۈنۈملۈك ساقايتىدۇ، قوي سۈتى ياشلار، ئۆسمۈرلەردە كۆرۈلىدىغان جاراھەتلەرگە ۋە ئېغىز يارىسىغا ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ.

 5) سوغۇقتىن بولغان بەل ئاغرىش، پۇت- قول سىرقىراپ ئاغرىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، بۆرەكتىكى سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇزاق مۇددەت قوي سۈتى ئېچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125