يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە قانداق قىلىش كېرەك؟
تور دەرسى ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە بالىلار ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەچكە، ئاسانلا كۆز چارچاپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆرۈش سېزىمىنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەھدىتى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆزنى ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كېتىش، ئوقۇش- يېزىش قىياپىتى توغرا بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كۆزى تېخىمۇ ئاجىزلاش ئەھۋاللىرىمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
بالىلاردا بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىش كېرەك
يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئالامەتلىرى
بالىلاردىكى بىر نەرسىگە قارىغاندا كۆزىنى قىسىۋېلىش، كۆزىنى كۆپ چىمچىقلىتىش، نەرسىلەرگە بەك يېقىن قاراش، دائىم كۆزىنى ئۇۋۇلاش، بېشىنى قىڭغىر قىلىپ نەرسىلەرنى كۆرۈش، قوشۇمىسىنى تۈرۈش، كۆز قۇيرۇقىنى تارتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاتا- ئانىلارنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بالىلىرىنى كەسپىي كۆز كېسەللىكلىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئاپىرىپ، كۆزىنىڭ كۆرۈش قابىلىيىتىنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تېببىي تەكشۈرتۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئۇنداقتا، بالا يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش كېرەك؟ بىز بىرلىكتە ئۈرۈمچى ئەيئېر كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسسىس دوختۇرلارنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ باقايلى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)