ئۇزاق مۇددەت شورپىلىق تاماق يېسە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەمدۇ ياكى ئاشقازاننى زەخىملەندۈرەمدۇ؟
18:35:54 2023-02-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياشانغانلار شورپا ياكى قايناق سۇ قۇيۇپ دۈملىگەن تاماقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار شورپىلىق تاماق ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ قارايدۇ. چىشى ياخشى بولمىغان ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شورپىلىق تاماقنى يۇتۇش ھەقىقەتەن ئاسان. لېكىن، ئۇزاق مۇددەت شورپىلىق تاماق يېسە راستىنلا ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەمدۇ؟

 

 شورپىلىق تاماق يېگەندە ئاشقازان- ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ

 ئادەم بەدىنىنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىدىكى بىرىنچى قەدەم چىشنىڭ يېمەكلىكلەرنى چاينىشى. ئېغىز بوشلۇقىدا يېمەكلىك دەسلەپكى قەدەمدە پارچىلىنىدۇ. چايناش جەريانىدا، تەركىبىدە كۆپ خىل ھەزىم قىلىش ئېنزىمى بولغان شۆلگەي ئېغىز بوشلۇقىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، يېمەكلىك ئېغىز بوشلۇقىدا دەسلەپكى قەدەمدە پارچىلىنىپ، ئاشقازان- ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، بۇ ئاشقازان- ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم.

 شورپىلىق تاماق كۆپ ھاللاردا شورپا بىلەن كۆپ خىل تاماقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ، بۇنداق سۇيۇق يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچكە ئېقىپ كىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا تۇرۇش ۋاقتى ئازىيىپ، يېمەكلىك دەسلەپكى قەدەمدە ھەزىم قىلىنمايلا ئاشقازانغا كىرىپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاشقازان- ئۈچەينىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىپلا قالماستىن، بەلكى ئوزۇقلۇقمۇ ئۈزۈل- كېسىل قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شورپىلىق تاماق يېيىش ئېغىز بوشلۇقىنىڭ چايناش جەريانىنى قىسقارتىپ، ئېغىز بوشلۇقى، ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق ئەزالاردىكى ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە شورپىلىق تاماق تەركىبىدىكى زىيادە كۆپ سۇيۇقلۇق ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ئاشقازان- ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش يۈكىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى شورپىلىق تاماق يېگەندە ئاشقازان- ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى زەخىملىنىپ، ئاشقازان- ئۈچەي يولى بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

 شورپىلىق تاماقنى ئۇزاق مۇددەت يېيىشكە بولمايدۇ

 گەرچە شورپىلىق تاماقنى تەييارلاش قولايلىق، يېيىشلىك بولسىمۇ، ئۇ ئېشىپ قالغان تاماق، قورۇمىلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئاندا- ساندا شورپىلىق تاماق يېيىش سالامەتلىككە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، لېكىن بۇ خىل غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش سالامەتلىككە زىيانلىق.

 بەزىلەر «ئوزۇقلۇق شورپىدا» دەپ قارايدۇ، ئەمما ئادەتتە شورپىدىكى ئاقسىل مىقدارى گۆشتىكى ئاقسىل مىقدارىنىڭ %7 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى، كۆپ مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار يەنىلا گۆشتە قېپقالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، دائىم شورپىلىق تاماق يېگەندە، بەدەن يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، ئاسانلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.

 شۇڭا، ياشانغانلار ھەرگىزمۇ شورپىلىق تاماق يەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالماسلىقى كېرەك. ياشانغانلار تاماق يېگەندە ئەگەر چايناش ياكى يۇتۇش قىيىنلاشسا، يېمەكلىكنى ئوڭۇشلۇق يۇتۇش ئۈچۈن، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن بىرنەچچە يۇتۇم شورپا ئىچىپ، ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچكە ئازراق «سىلىقلاشتۇرغۇچ» قوشۇپ، قۇرۇق، قاتتىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىش يولىنى غىدىقلىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ. ياشانغانلار گاڭپەننى يۇمشاقراق پىشۇرسا ياكى ئۇماچ تۈرىدىكى ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى يېسە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرسە بولىدۇ.

 قىسقىسى، شورپىلىق تاماق يېيىش بىر خىل ناچار غىزالىنىش ئادىتى بولۇپ، مەيلى شورپىلىق تاماق بولسۇن ياكى قايناق سۇ قويۇپ دۈملىگەن تاماق بولسۇن، ياشانغانلار ئىمكانقەدەر ئاز يېيىشى ياكى يېمەسلىكى كېرەك.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125