ئۇيقۇسىزلىقنى يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق قانداق تەڭشەش كېرەك
12:28:22 2023-02-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئۇيقۇسىزلىق خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ۋە خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ مېڭىگە زىيادە تەسىر قىلىشى، خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە بەدەندە يۈزبەرگەن باشقا كېسەللىكلەرنىڭ مېڭىگە تەسىر قىلىشىدىن مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، چوڭ مېڭە بوشلۇقى دائىم قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرىدىغان، كىلىنىكىدا ئۇيقۇنىڭ ۋاقتى ئالتە- توققۇز سائەتتىن ئاز بولىدىغان ياكى ئاغرىقتا كېچىدە كۆپ ئويغىنىپ ناھايىتى بىئارام ئۇخلاش، ئۇيقۇدىن يېتەرلىك لەززەت ئالالماسلىق، ئېغىز قۇرۇش، بۇرۇن تۆشۈكلىرى قۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىك.

 ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسىزلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ، داۋالاش ۋە تەڭشەش ۋاقتىدىمۇ پەرق بولىدۇ. بىرىنچى، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىقى خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشى ۋە زىيادە چارچاشتىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى تۇرمۇشنى تەڭشەش، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ياخشىلىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېمەك- ئىچمەكنى تەڭشەش، بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تاماقنى قانۇنىيەتلىك يېيىش، يېڭى مېۋە- چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن بولۇپ، مېڭە نېرۋىسىنى ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلايدۇ. ئىككىنچى، بىر قىسىم كىشىلەر مەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، تەشۋىشلىنىش كېسىلى، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى پىسخىكىلىق تەڭشەش ۋە مۇناسىۋەتلىك دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىكى ئۇيقۇسىزلىق چوڭ مېڭىدە چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ۋە چىلغوزا تەنچە ئاجرىتىپ چىقارغان مېلاتونىن يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى مېۋە- چېۋە، كۆكتاتلارنى يېيىش ئارقىلىق تەڭشەشكىمۇ، دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋالاشقىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، تىنچلاندۇرۇش تۈرىدىكى دورىلار ۋە مېلاتونىن تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلەتكەندە ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلىدە تۆۋەندىكى رېتسېپلار ئارقىلىقمۇ ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ

 سۇلۇ يارمىسى ئۇمىچى: سۇلۇ يارمىسى 100 گىرام، سۈت 250 گىرام، ئىلمان سۈتكە سۇلۇ يارمىسى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، بىرئاز چىلاپ قويۇش كېرەك، يۇمشاقراق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپرەك چىلاپ قويسا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ تەمى ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قۇرۇق مېۋە مېغىزى قاتارلىقلارنى قوشۇپ يېسە بولىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسا ئۇيقۇغا پايدىلىق، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۈچەي يولىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، تېرىنى ئاقارتىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

 مۇرەككەپ مېغىز تالقىنى: ياڭاق مېغىزى 50 گىرام، بادام مېغىزى 30 گىرام، قاپاق ئۇرۇقى 30 گىرام، ئاق شېكەر 50 گىرامنى يۇمشاق سوقۇپ تالقان تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىككى قوشۇقتىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

 شېرىن ئۇيقۇ ئىچىملىكى: يېڭى خاسىڭ يوپۇرمىقى 15 گىرام، نوقۇت 30 گىرام، ھەسەل 50 گىرام تەييارلىنىدۇ، خۇرۇچلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، خاسىڭ يوپۇرمىقى بىلەن نوقۇتنى 500 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئۈستىگە ھەسەلنى قوشۇپ يەنە بىر قېتىم قاينىتىپ تەييارلاپ، كۈندە ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن 50 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

  سۈت چېيى: سۈت 250 مىللىلىتىر، توخۇم ئىككى دانە، قارا شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ، خۇرۇچلانى ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ پشۇرۇپ نان بىلەن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

 سۈتلۈك نوقۇت ئېشى: نوقۇت 200 گىرام، سۈت بىر كىلوگىرام، ھەسەل 100 گىرام تەييارلىنىدۇ، نوقۇتنى ئىلمان سۇغا تۆت سائەت چىلاپ قويۇپ، سىرتقى پوستىنى چىقىرىۋېتىپ، سۈتكە ھەسەل ۋە زەپەنى قوشۇپ قاينىتىپ، سۇيۇق ھالەتتە ئاش تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئېچىپ بەرسە بولىدۇ.

 بادام ئۇمىچى: بادام 30 گىرام، ئالقات 20 گىرام، ماش 40 گىرام تەييارلىنىدۇ، ئالقاتنى مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ تەمىنى ئېلىپ، سۈيىگە ماشنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ، بادامنى ئاقلاپ سوقۇپ، سىم ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان ھالىتىدە ماشنىڭ ئۈستىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ تەييارلاپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن- كەچتە ئېچىپ بەرسە بولىدۇ.

 دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

 كالا گۆشى، باچكا گۆشى، غاز گۆشى، لازا، سامساق، سۈرلەنگەن گۆش، گۆشگىردە، سامسا، پېتىر مانتا، تونۇر كاۋاپ قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە قۇرۇق سوغۇق، زىيادە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملىق يېمەسلىك كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125